مېۋە شەربىتى: پىشقان شوخلا، ئاپېلسىن، ماندارىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئايرىم–ئاير

مېۋە شەربىتى: پىشقان شوخلا، ئاپېلسىن، ماندارىن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئايرىم–ئايرىم يۇيۇپ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز خالتىغا قاچىلاپ قايناق سۇدا بىر مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن قاچىغا ئېلىپ قوشۇق بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېلىپ، ئازراق شېكەر قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.

كۆكتات سۈيى: پاكىز يۇيۇلغان يېڭى كۆكتاتلارنى، مەسىلەن، يازلىق يېسىۋېلەك، يېسىۋېلەك، پالەك، سەۋزە، يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى توغراپ قاچىغا سېلىپ، بىر قاچا كۆكتاتقا بىر قاچا قايناق سۇ قۇيۇپ دۈملەپ، بەش مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن تۇز ياكى ئازراق شېكەر سېلىپ شورپىسى چىققۇچە قايناتسا، كۆكتات سۈيى تەييار بولىدۇ.

كۆكتات بوتقىسى: يېڭى كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ چاناپ، ئاز مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈۋالغاندىن كېيىن بەش مىنۇت دۈملىسە، كۆكتات بوتقىسى تەييار بولىدۇ ياكى چانالغان كۆكتاتلارنى مايلىق قازاندا قورۇپ، ئازراق تۇز سالسا بولىدۇ. بۇنى بۇلماق ياكى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىلمان ئوتتا 20مىنۇت قاينىتىپ، ئېزىلىپ پىشقاندىن كېيىن كۆكتات بوتقىسى قىلسا بولىدۇ.

جىگەر بوتقىسى: ياساش ئۇسۇلى ئىككى خىل. بىرىنچى خىل ئۇسۇل: جىگەرنى توغراپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، تۇز ۋە كۈنجۈت يېغى قوشۇش. ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: ئۇششاق توغرالغان جىگەرنى مايلىق قازاندا قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن تۇز ۋە تەم تەڭشىگۈچ سېلىپ بۇلماق ياكى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ.

مېۋە بوتقىسى: ئالما، بانانلارنىڭ شۆپىكىنى سويۇۋېتىپ، قوشۇق بىلەن قىرىش ئارقىلىق ياسىغىلى بولىدۇ ھەم بىۋاسىتە بالىغا بەرسە بولىدۇ.

بېلىق بوتقىسى: يېڭى بېلىقنىڭ ئىچ–قارنىنى پاكىز تازىلاپ، دۈملەپ ياكى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن قىلتىرىقلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەم تەڭشىگۈچ قوشۇپ سىقسا، بېلىق بوتقىسى تەييار بولىدۇ. بۇنى سۇيۇقئاشقا ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا بەرسە بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋىقىڭىزنى كالا سۈتى بىلەن باققاندا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .