كالا سۈتى بىلەن باققان بوۋاقلارنىڭ ئىچىنىڭ قېتىشى كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك كالا سۈتىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئۇيۇشۇۋالىدۇ–دە، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ شۇڭا ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ

كالا سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارمۇ كۆپ، كالىينىڭ مىقدارى ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ. شۇڭا كالا سۈتى ئېمىدىغان بوۋاقنىڭ قېنىدا كالىي مىقدارى يۇقىرى، بۆرەك ئاقسىللىق ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە كالىينى ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇنىمۇ چىقىرىدۇ. كالا سۈتىدىكى كالتسىي، فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ قېتىۋالىدۇ ۋە چوڭ تەرەتنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ.

ئىچى قېتىۋالغاندا كالا سۈتىگە گۈرۈچ شورپىسى قوشسا تەرەتنى بوشىتىدۇ، كالا سۈتىگە بەش پىرسەنتتىن سەككىز پىرسەنتكىچە شېكەر قوشسا تەرەتنى يۇمشىتىدۇ. بەش پىرسەنتلىك ھەسەل سۈيىنى كۆپرەك بېرىش ياكى ئىككى قېتىم كالا سۈتى بەرگەندىن كېيىن بىر قېتىم قايناقسۇ بېرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭمۇ چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىشقا پايدىسى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆكتات شورپىسى، ھەرخىل مېۋە شىرنىلىرىنى بېرىش كېرەك. ماش سۈيى، ئالما سۈيى، بانان سۈيى قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغاچقا، بۇلارنى بالىغا بەرگەندە ئۈچەي ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچى قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشكە باشلىسىلا يىغلايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋاقىڭىزغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .