بالىنى ھەر قېتىم ئېمىتكەندە يىغلاشنىڭ سەۋەبى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشتىن ئىبارەت

   بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ قالغاندا ئۇ پەقەت ئاغزى بىلەنلا نەپەسلىنەلەيدۇ. ئەمگەن ۋاقتىدا ئاغزىدا نەپەسلىنەلمىگەندىن كېيىن بالا يىغلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا بۇرنى پۈتۈپ قالغان بالىلارقورسىقى ئاچقان ۋاقىتتا ئېمەي دېسە بۇرنى پۈتۈپ قېلىۋاتقان، ئەممەي دېسە قورسىقى ئېچىپ كېتىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىردەم ئېمىپ، بىر دەم يىغلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
 
   بالىلارنىڭ بۇرنى پۈتۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر شامالداپ قېلىش، بۇرۇن ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بۇرۇن يېپىشقاق پەردىسىگە قان تولۇش ياكى بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنىڭ قۇرۇشۇپ قاقاچ بولىشىدىنمۇ بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ بۇرنى پۈتۈپ قالغاندا ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرنىنىڭ ئىچىدە قاقاچ بارمۇ-يوق شۇنىڭغا قاراپ بېقىشى، ئەگەر بولسا ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك. ئەگەر ياللۇغدىن پەيدا بولغان بۇرۇن پۈتۈش بولسا دوختۇرغا ئاپىرىش كېرەك.
 
   بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۈمۈرۈلگەن ھاۋانى ئىسسىتىش ۋە نەمخۇش قىلىشتىن ئىبارەت. بۇرۇن تۈكىنىڭ رولى بولسا سىرتتىن كىرىدىغان مىكروب ۋە چاڭ-توزاڭلارنىڭ توسۇپ نەپەس يولىنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. دائىم ئېغىز بوشلۇقى بىلەن نەپەسلىنىدىغان بالىلار ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇرنىنى دائىم تەكشۈرۈپ، تازىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
 
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باغلاپ زاكىلاشقا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋىقىڭىزنى كالا سۈتى بىلەن باققاندا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .