يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەك ياكى پاختا ئەدىيالغا ئوراپ ئۈستىدىن باغلاپ زاكىلاش بىزگە ئەنئەنە بولۇپ كەلد

 يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەك ياكى پاختا ئەدىيالغا ئوراپ ئۈستىدىن باغلاپ زاكىلاش بىزگە ئەنئەنە بولۇپ كەلدى. مۇنداق زاكىلىغاندا بالىنى ئىسسىق باققىلى ھەم بالىنىڭ يۈز–كۆزلىرىنى تاتىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەمدە بالىنىڭ پۇت–قوللىرىنى مەجبۇرىي تۈزلەپ ‹‹مايماق›› بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل زاكىلاش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياتقان چاغدا قولى تەبىئىي ھالدا W شەكلىدە، پۇتى M شەكلىدە بولىدۇ. مۇنداق ھالەت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.


ئەنئەنىۋى زاكىلاش ئۇسۇلىمىز بويىچە زاكىلىغاندا بالا بەك چىڭ باغلىنىپ كېتىپ، نەپەسلىنىشى ۋە ھەرىكەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقنى بەك چىڭ زاكىلىغاندا ھاۋا ئۆتۈشمەي تېرىلەر پۈرۈلگەن ئورۇن تەرلەپ شەلۋەرەپ قالىدۇ، ھەتتا بوۋاق تېرىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنى بەك چىڭ باغلاپ زاكىلىۋالماي تەبىئىي ھالەتتە ئۇخلىتىش لازىم.
 
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى››دىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشكە باشلىسىلا يىغلايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .