ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قاراش:مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،ئادەتتە ئەتىگەنلىك ناشتىدا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىدىغان بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى تەپەككۈر قىلىش ۋاقتى نىسپەتەن ئۇزاقراق بولىدىكەن

ئەتىگەنلىك ناشتىدا قۇۋۋەتسىز تاماق بىلەن غىزالانغان ياكى تاماق يېمىگەن بالىلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتى نىسپەتەن تۆۋەن بولىدىكەن.بالىلار ئۈزۈن ۋاقىت ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە،چوڭ مىڭىنىڭ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۈچراپ،بالىلاردا ئەقلىي قابىليەتنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تەپەككۈر قىلىشنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

تاماق تاللاش:بالىلار ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە تۇرغاچقا بىر نەچچە خىل تاماقنى ئۈزۈن ۋاقىت ئىستېمال قىلىۋەرسە،چوڭ مىڭىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

چاچنى ئۇزۇن قويۇش:ئادەم چېچىغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى باش قىسىمىدىن كېلىدۇ.لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەدەننىڭ مىڭىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىشى چەكلىك بولىدۇ.شۈنىڭ ئۈچۈن ئەگەر چاچ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە،ئوزۇقلۇق كۆپلەپ خوراپ كېتىپ،مىڭىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بېرىپ،مىڭىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنى تەسىرىگە ئۈچرىتىپ،ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولۇش:چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۈزىراپ كەتسە زەھەرلىك ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ زەھەرلىك ماددىلار جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە،ئارتۇق قىسمى قان ئايلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ چوڭ مىڭىگە كىرگەن زەھەر مەركىزى نېرۋىنى زەھەرلەپ،چوڭ مىڭىنىڭ پوستىلاق قەۋىتىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈپ،تۇتۇۋېلىش قابىليىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

سازاڭسىمان مەددە قۇرتنىڭ تەسىرى:ئەنگىلىيە ئالىملىرى يېقىندا سازاڭسىمان مەددە قۇرتنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى-پاراسىتىنىڭ يېتىلىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.ئۇلار سازاڭسىمان مەددە قۇرت بالىلارنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىليىتى،ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىليىتى،ئەسلەش ئاڭلاش ۋە تېز ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تېكەس ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتىن:مۇتەللىپ ياقۇپ

特克斯县政协:木塔力甫(15999269395)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .