تېخىمۇ ساغلام يېتىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 10 پەرىزنى بالىڭىزغا كۆندۈرۈڭ

بالىلارغا تاماقتىكى 10 پەرھىز


1. زىيادە تويغۇزىۋېتىش. تاماقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېگۈزۋەتكەندە، كۆپ مىقداردىكى قالدۇقلار يوغان ئۈچەيدە ساقلىنىپ قېلىپ پارچىلىنىش ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ.

2. تېز تاماق يېيىش. تاماقنى بەك تېز يېگەندە يېمەكلىك بىلەن شۆلگەي سۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق ئارىلىشىپ كېتەلمەيدۇ.

3. بەك قىزىق يېيىش. تاماق بەك قىزىق بولۇپ كەتسە ئېغىز بوشلۇقى، قىزىل ئۆڭگەچ ۋە ئاشقازاننىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تاماقلانغاندا بىر ياقتىن تېلېۋىزور ياكى كىتاب كۆرۈش ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5. تاماقنى شورپىغا سېلىپ ئىچىش. تاماقلار شورپىغا سېلىنغاندا، چاينىيالماي يۇتۇلۇپ كېتىپ ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

6. تاماقلانغاچ سۇ ياكى چاي ئىچىشمۇ ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

7. تاماقلانغاندا كۈلكە-چاقچاق قىلىش. تاماقنىڭ نەپەس يولىغا كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. بەك سوغۇق يېگەندە، سوغۇق تاماق ئاشقازاننى ئاغرىتىپ قويىدۇ.

9. تاماق تاللاش. تاماق تاللاش قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10. تاماقلىنىۋاتقان چاغدا بالىلارنى ئۇرۇپ تىللاپ، سىلكىمەسلىك كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن بالىلار شېكەر يېمىسىمۇ چىشى چىرىيدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .