بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزى يېمەكلىكلەرنى بالىلار كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ بولمىسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ

بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى پەرھىزلەر


ئېتىلدۇرغان قوناق

تەركىبىدە قوغۇشۇن مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئاسانلا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېچىكىش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

سېمىز گۆش

بالىلار سېمىز گۆشنى كۆپ ئىستىمال قىلسا سەمىرىتىۋەتكەندىن سىرىت، كالتىسىي ئىيونىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، بەدەن كالتىسىي كەمچىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر

كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەردە بەلگىلىك مىقداردىكى كوكائىن بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا، تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

سۈت قەنتى

سۈت قەنتىنىڭ قالدۇقلىرى چىشلارنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيەلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ناھايىتى تېزلا كىسلاتالىق ماددىلارغا ئايلىنىدۇ ھەم سۈت قەنتى ناھايىتى ئاسانلا ئورگانىك كىسلاتا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چىش توقۇلمىلىرىنى بوشىتىپ، كالتىسىينى ئېرىتىپ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

رەڭلىك يېمكلىكلەر

بەزى يېمەكلىكلەردىكى رەڭ پىگمېنتلىرى خىمىيەلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولغاچقا، بۇ خىل ماددىلار بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە كۆپ خىل ئاكتىپ ئېنزىمنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بەزىدە توپلىنىپ قېلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەك كۆپ ئىستىمال قىلىنسا، نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېۋە ئۇيۇتمىسى

ئاساسلىق تەركىبى ناترىي ئالگىنات بولۇپ، بەك كۆپ ئىستىمال قىلىنسا ئاقسىل، ماينىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ئېلېمېتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سېغىز

تەركىبىدە كۆپ خىل قوشۇلما ماددىلار بولۇپ، ئېغىزدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغاندا، كوللوئىد رادىكالى ناھايىتى ئاسانلا يۇتۇلۇپ، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

                                                                                                                                                               «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمە ئۈچۈن بالىلار شېكەر يېمىسىمۇ چىشى چىرىيدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .