ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زورايتىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىدۇ بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىش، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش، ماھىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيەتكە ئاسانلا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۇسۇل

  تەتقىقات دوكىلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «كىچىكىدىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا قۇلاق سېلىپ ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولىدۇ، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدىمۇ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئەۋزەللىكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ. بالىلارنىڭ كىتابقا ئامراق بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇلار ھەرقانداق ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

 بالىلارغا زادى قانداق ئۇسۇلدا ھېكايە ئېيتىپ بەرسە، ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېيىشى: «ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇب بەرمەكچى بولسا، چوقۇم كىتابنى تەسىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، ھەرخىل پېرسۇناژلار دىيالوگىنى شۇلارغا خاس تاۋۇشتا ئىپادىلەشكە تىرىشىشى لازىم.»


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %90 بالىنىڭ ئۆيى ئالىي دەرىجىلىك بېزەلگەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى پەرھىزلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .