يېقىندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەپەس يوللىرى كېسەللىكى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنىڭ مۇدىرى جۇڭ نەنسەن ‹‹ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە بوۋاقلار سالامەتلىكى›› دېگەن نۇتقىنى ئېلان قىلغان، جۇڭ نەنسەننىڭ ئېيتىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا بوۋاقلارنىڭ ھاۋادىكى بۇلغانمىنى شۈمۈرۈۋېلىشى كۆپ بولىدىكەن

 ئۇنداق بولسا ئۆينىڭ ھاۋاسى بىلەن بوۋاقلاردىكى ئاق قان كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ جۇڭ نەنسەن نۇتقىدا، جۇڭگو مۇھىت ئاسراش جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىنى نەقىل كەلتۈرگەن: ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %90 تىن ئارتۇق بالىنىڭ (بوۋاقنىڭ) تۇرغان ئۆيى ئالىي دەرىجىدە بېزەلگەن؛ %80 ئۆينى بېزىگەندە مېتىل ئالدېھىد ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن؛ %70 ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆي ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەم 111 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان قاتىلغا ئايلانغان.

 جۇڭ نەنسەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: تاماكىنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى ناھايىتى زور، مەن كىچىك بالىسى بار ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆيدە تاماكا چېكىشىگە قارشى، ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىل جەريانىدا يەر شارى بويىچە دەم سىقىلىش (زىققا)، سەزگۈر خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بالىلاردا يۈز بېرىش مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى روشەن بولغان. بۇنىڭدا ئۆي ھاۋاسىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى
شىنجاڭ گېزىتى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .