بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىمىغاچقا، تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكى ھەم ماسلىشىپ ئۇخلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز دېمەي ئۇخلايدۇ

بەزى بوۋاقلار كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى يىغلاپ ئۇخلىمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۈندۈزى قەستەن ئۇخلاتماسلىقى ياكى ئاز ئۇخلىتىشى زۆرۈر. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: كۈندۈزى بوۋاقنى ئاز ئەمدۈرۈپ، ئۇنى يېرىم ئاچ قويۇش، تاپىنىنى غىدىقلاش، قۇلىقىنى ئۇۋىلاش، بۇرنىنى ئاستا چىمداش ئارقىلىق بوۋاقنى قانغۇدەك ئۇخلاتماي كۆندۈرۈش لازىم. بۇ ئىشلار بىر قانچە كۈن داۋاملاشسا، بوۋاق تەبىئىيلا كېچىسى ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارنى ئويغىتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .