ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇدىن تولۇق ئويغىنىشى ئۈچۈن 5~6 مىنۇت كېتىدۇ ئەگەر قاتتىق ئۇخلاۋاتقان كىشىنى مەجبۇرىي ئويغاتسىڭىز، ئادەمنىڭ تېنى ھەرىكەتكە كەلگەن تەقدىردىمۇ، چوڭ مېڭە يەنىلا ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتى دەماللىققا ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ

بۇنداق چاغدا، چارچاپ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارغا ئېغىر روھىي بېسىم بولۇپ، ئاسان ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

بالىلارنى ئويغىتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئويغىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى-ئەتتىگەندە بالىلارنى ئۆزلىكىدىن ئويغىنىشقا يېتەكلەش لازىم.

كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

 1) بالىلار ئويغىنىشتىن 10 مىنۇت ئىلگىرى رادىيودىن يېنىك مۇزىكىلارنى بوش ئاۋازدا قويۇش، ئاندىن ئاۋازلارنى تەدرىجىي يۇقىرىلىتىش كېرەك.

 2) ئۆينى تەدرىجىي يورۇتۇش كېرەك. مۇشۇنداق ئۇسۇلنى 5~6 مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بالىلار تەبىئىي ئويغىنىدۇ-دە، بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى تېتىك بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەنتەربىيە پائالىيىتى بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .