ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بالىلارنى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسا، ئۆگىنىشتە زېھنىنى يىغىشقا پايدىسى بولىدىكەن

تەتقىقاتچىلار بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئالدۇرۇپ ۋە چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قاتار سىناقلارنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار چېنىقىپ بولۇپ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىپ، سوئال قانچە تەسلەشكەنسېرى شۇنچە توغرا جاۋاب بەرگەن. ئېلېكتىروئېنسېفالوگىرامما نەتىجىسىگە ئاساسەن تەھلىل قىلغاندا، چېنىقىشتىن كېيىن زېھنىنى تېخىمۇ ياخشى يىغقىلى بولىدىكەن، شاۋقۇننىڭ تەسىرىگىمۇ ئاسان ئۇچرىمايدىكەن.
 

«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىنىڭ ئاغزىغا سۆيۈش مۇۋاپىق ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنى ئويغىتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .