كۈنگە قاقلاش-راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالا بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، بالىنى سىرىتتا ئاپتاپقا قاقلاش كېرەك

بوۋاقنى كۈنگە قاقلىغاندا، كۈن نۇرى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ بېشى، قولى، پۇتى، كاسىسى قاتارلىق جايلارنىڭ تېرىسىگە چۈشۈرۈلۈشى لازىم. يازدا كۈن نۇرى كۈچۈلك بولغاندا، سەھەر ياكى كەچقۇرۇندا ياكى دەرەخ سايىسىدا كۈن نۇرىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بولىدىغان يەرلەردە كۈنگە قاقلاش لازىم.
كۈنگە قاقلاپ بەرگەن بالىلارنىڭ سۆڭىكى قاتتىق بولىدۇ

 قىشتا قىشتا كۈنگە قاقلىغاندا سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلاش ساقلىنىش، ئىللىق شامال، كۈن نۇرى ئۆتكۈر ھاۋا رايى شارائىتىنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 10 دىن كېيىن قاقلاش، شۇنداقلا كىيىمنى ئوبدان كىيدۈرۈش، يۈز ۋە قولىنى چىقىرىپ قويۇش لازىم. قىش پەسلىدە ئىشىك-دېرىزىنى ئېچىۋىتىپ، ئۆي ئىچىدە كۈنگە قاقلاشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەينەك ئىچىدە تۇرغۇزۇپ كۈنگە قاقلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەينەك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى ئۆتكۈزمەي توسۇۋالىدۇ.

كۈنگە قاقلاش ۋاقتى 5~10 مىنۇتتىن بارا-بارا ئۇزارتىلىپ، كۈنىگە بىر سائەت ئەتراپىدا يەتكۈزۈلسە بولىدۇ. مۇبادا بالا ئاغرىپ قېلىپ، كۈنگە قاقلاش ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا، ساقايغاندىن كېيىن كۈنگە قاقلاشنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىنىڭ ئاغزىغا سۆيۈش مۇۋاپىق ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .