ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، دائىم زۇكامداش، قىزىش، يۆتىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ بۇنداق ۋاقىتتا، ئىمكانقەدەر بوۋاقلارنى رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتمەسلىك لازىم

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەربىر قېتىم رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرتكەندە، نۇر زەررىچىلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك


 بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارنى رېنتىگېنغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈنگە قاقلاپ بەرگەن بالىلارنىڭ سۆڭىكى قاتتىق بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .