ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنى ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئالدىرايدۇ، بوۋاقلار ئاپتاپسىندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ كالتىسىي تولۇقلىشىغا پايدىلىق لېكىن نۇرغۇن بوۋاق ئاپتاپسىندۇرۇلۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن، بۇرنى قىچىشىدىغان، چۈشكۈرىدىغان، كۆزى قىزىرىپ قالىدىغان، كۆزى ۋە تېرىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ

نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شياۋلىڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئەتىيازدا تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيەسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەتىياز ئاپتىپى ياز ئاپتىپىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنى سىرىتقا ئېلىپ چىققاندا، بوۋاق تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بوۋاقلار تېرىسىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بالىغا نەملەشتۈرگۈچى دورا سۈركەپ قويۇش، ئاندىن كۆپرەك ئۇسسۇزلۇق بېرىش، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۈز مىيى سۈركەپ قويۇش كېرەك.

 «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ چىش پاستىسى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنى رېنتىگېن نۇرىدا كۆپ تەكشۈرتمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .