ئادەتتە ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چىش پاستىسى ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ

 چوڭلارنىڭ چىش پاستىلىرىغا چىش چىرىش (چىشنى قۇرت يېيىش)نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فتورىدلار قوشۇلغان بولۇپ، فتورىد قالدۇقلىرىنىڭ ئېغىزدا قېلىشىغا ياكى يۇتۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، چىش پاستىسىنىڭ قالدۇقلىرى ئاسانلا چىش ئارىلىقلىرىدا قېپقالىدۇ ياكى ئاسان يۇتۇۋالىدۇ. ئاتا – ئانىلار ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چىشىنى يۇمشاق چىش چوتكىسىنى ئىلمان قايناق سۇ ياكى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ چوتكىلاپ قويسىلا بولىدۇ. ئۈچ ياشتىن كېيىن چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلاشنى باشلىسا بولىدۇ. بىراق چىش پاستىسى چوقۇم مەخسۇس بالىلارنىڭ چىش پاستىسى بولۇشى، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى ئاز بولۇشى كېرەك.

 بالىلارغا چىش پاستىسى تاللاشتا ئامال بار خۇش پۇراقسىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بازارلاردىكى بالىلار چىش پاستىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا مېۋە تەمى قوشۇلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ يۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. دورىلىق چىش پاستىلىرى بالىلارغا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، بولمىسا ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيەلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇش ھەم بەزى باكتېرىيەلەردە دورىغا كۆنۈۋېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، بۇمۇ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا زىيانلىق.

 كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلاردىكى قەۋزىيەتكە توغرا تەدبىر قوللىنىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .