بالىلاردىكى قەۋزىيەتكە توغرا تەدبىر قوللىنىڭ

مۇيەسسەر ئابلىمىت

 بالىلاردا كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەت ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش ئاغرىقى. بۇ مەسىلە ھەققىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لى مىن مۇنداق دېدى: ئادەتتە ئېمىۋاتقان بوۋاقلارغا ئانا سۈتى يېتىشمىسە قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىر ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلار ئانىسىنى ئېمىشتىن قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىش باسقۇچىغا ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى يېتەرلىك بولماي، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.


 ئىككى ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلاردىمۇ قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تەرىتى قاتتىق، كاللەك كېلىشتىن باشقا، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تىت-تىت بولۇش، ئۇيقۇچان، يىغلاڭغۇ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ساپ مېۋە شەربىتى، كۆكتات شەربىتى (ئائىلىدە تەييارلانغان) ئىچسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

 بوۋاقلار سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلىۋاتقاندا قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، سۈت پاراشوكىغا ئازراق ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئانا سۈتى يېتىشمەسلىكتىن قەۋزىيەت بولغاندا، كۆپرەك ئېمىتىش ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.

 

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بالىلارنىڭ جىسمانىي پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلار قانچە ياشتىن باشلاپ چىش پاستىسى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .