بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلگەندىن كېيىنلا ، ئانا بەدىنىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىش توختىلىدۇ ئەمما بوۋاقنىڭ ئۆسۈشى توختاپ قالمايدۇ شۇڭلاشقا بوۋاقنىڭ بەدىنىگە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كېرەكلىك بولغاندەك كالتسىيمۇ ناھايىتى مۇھىم لازىم بوىدۇ شۇڭا ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ 3 كۈندىن كېيىنلا كالتسىي تولۇقلاش لازىم بۇ تولۇقلاش تاكى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش يەپ ئىچەلىگەنگە قەدەر بولۇشى كېرەك

بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 6 ئايلىققىچە قەدەر فىزىئولوگىيىلىك كالتسىي كەملىك بولىدۇ . بۇ جەرياندە مەيلى كالتسىي كەملىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلسۇن كۆرۈلمىسۇن چوقۇم كالتسىي تولۇقلاش لازىم . 
كالتسىي كەملىك بولسا بوۋاقتا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

كالتسىي كەملىك بولغان بوۋاقلار سۆڭەكلىرى ئاجىز بولىدۇ ، ئاسان سۇنىدۇ ، چىڭراق تۇتسىمۇ ئاغرىق ھىس قىلىپ يىغلايدۇ ، سۆڭەكلىرى يۇمشاق كىلىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت يەنە كېچىلىرى سوغۇق تەرلەش ، ياستۇقى ھۆل بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ئۇزۇن مۇددەت كالتسىي كەملىك بولسا خەتەرلىك بولغان O پاچاق ھەم راخىت كېسىلى يەنى كىچىك بولۇپ ئۆسمەسلىك كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

كالتسي كەملىكنى قانداق بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟

يۇقارىدا دېيىلگەن ئالامەتلەر كۆرۈلسۇن كۆرۈلمىسۇن ، بوۋىقىڭىزن ھەر ئايدا ياكى ئىككى ئايدا بىر دوختۇرغا كۆرستىىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ . كېرەكسە قان تەكشۈرتۈپ بېقىڭ . 

ئۇنداقدا كالتسىينى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

ئانا سۈتى : ئانا سۈتى ئەڭ مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق . ئانا سۈتىدە بوۋاقلارغا كەم بولسا بولمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ھەم بەدەن مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىغان ماددىلار بار . شۇڭلاشقا ئەڭ ئاۋۋال ئانا سۈتىنى كېسىپ قويماسلىق لازىم . ئەڭ ئاز 2 ياشقىچە توختىماي ئېمىتىش لازىم . بۇ ئارىلىقتا ئانىمۇ كالتسىي ھەم باشقا ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك . 

سۈت مەھسۇلاتلىرى : ياخشى ئىشەنچلىك بولغان كالا سۈتلىرىدىمۇ مول بولغان كالتسىي بار . 

سۈت پاراشوكلىرى : سۈت پاراشوكلىرى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئىشەنچلىك بولغان ماركىلارنى سېتىۋېلىش لازىم ھەم قۇتا سىرتىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارلىرىنى ئېنىق بىلىۋېلىش لازىم . ئىچىدە كالتسىي ھەم باشقا پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بولغاننى سېتىۋېلىڭ . 

كالتسىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى : ھازىر بازاردا كۆپلىگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى چىقتى ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كالتسىي تولۇقلاش روللىرى بار . ئەمما سېتىۋالغاندا چوقۇم بوۋاقلار ئىچىشكە ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ بۇنى دوختۇردىن ئېنىق سورىۋېلىڭ . قارا قۇيۇق بېرىپ سالماڭ . 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىسىنى ئېمىتىپ بېقىش ئاياللارنىڭ ئارتېرىيەسىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بالىلارنىڭ جىسمانىي پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .