تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدىكەنيېقىندا ئامېرىكا «تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىسىنى ئىزچىل ئېمىتىپ باققان ئاياللارنىڭ ئارتېرىيەسى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن

ئامېرىكا كايسېر داۋالاش ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى يېشى 18 دىن 30 غىچە بولغان تۇغۇت يېشىدىكى 846 ئايالنى تاللاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىق تەتقىقاتىغا قاتناشتۇرغان. 20 يىلدىن كېيىن  ئۇلارنى يەنە بويۇن ئارتېرىيەسى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشىگە قاتناشتۇرغان.
 
بالىسىنى ئېمىتىپ بېقىش ئاياللارنىڭ ئارتېرىيەسىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ

بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالىسىنى بىر ئاي ئېمىتكەن (ياكى قەتئىي ئېمىتمىگەن) ئاياللارنىڭ بويۇن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ قېلىنلاش دەرىجىسى تېخىمۇ روشەن بولغانلىقى، بالىسىنى ئون ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ بويۇن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ ئەڭ پاكىز ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

بويۇن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ قېلىنلىشى قان تومۇر قېرىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر. تەتقىقاتتا بويۇن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ قېلىنلاش دەرىجىسى ئەڭ روشەن بولغان ئاياللارنىڭ قان تومۇر سەۋەبلىك ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە ئارتۇق قېرىپ كەتكەنلىكى بايقالغان.

تەتقىقاتچىلار ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېھتىمال بوۋاقلارنى ئانا سۈتىدە بېقىش، ئانىلارنىڭ مۇۋاپىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ۋە يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. ھامىلىدار بولۇش ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ۋە مېتابولىزم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويىدۇ، بوۋىقىنى ئىزچىل ئېمىتىپ بېقىش ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى بەدەن سۈپىتىنى تەڭشەشكە ۋە قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلاردىكى ئىقتىساد ئېڭىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋاق قاچاندىن باشلاپ كالتسىي تولۇقلاش لازىم؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .