بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ ئىغىز بوشلۇقنىڭ تۈزىلىشىدە ئالاھىدە پەرق بار بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق زەھەرسىز چىش پاستىسى تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنى بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قەتئىي بولمايدۇ سەۋەبى چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل نوقسان بار

بالىلارنىڭ چىش پاستىسىنى چوقۇم مۇۋاپىق تاللاش كېرەك


1. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنىڭ سۈركىلىش قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ چىشى ۋە چىش مىلىكىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

2. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىدىكى كۈچلۈك پۇراقنىڭ غىدىقلاش تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىگە تەسىرقىلىدۇ.

3. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنڭ ئىشقارلىق ھەم دورىلىق تەسىرى يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىللىرىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

4. چوڭلارنىڭ چىش پاستىسى تەركىۋىدە فىتور ماددىسى يۇقىرى بولۇپ بالىلار بۇ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتىۋەتسە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مومكىن.

 

ئۇنداقتا ئوماق پەرزەنتىڭىزگە قانداق چىش پاستىسى تاللىسىڭىز مۇۋاپىق جۇڭگۇدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىگە باھا بېرىش ئورنىدىن 39بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بازارغا سېلىنىۋاتقان چىش پاستىللىرى ئىچىدە تۆۋەندىكى 8خىل چىش پاستىسىنىڭ بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ چىققان.

ئۇلار:

(1)نائەيسى بالىلار ساغلاملىق چىش پاستىسى  

(2) يۇسىجى بالىلار چىش پاستىسى  

(3) تىيەنچى سۈت چىش قوغداش چىش پاستىسى  

(4) خېيۋىي چ چ بالىلار چىش پاستىسى  

(5) نىگىر بالىلار چىش پاستىسى  

(6)گاۋلۇجى بوۋاقلار چىش پاستىسى  

(7) پادىشاھ شېكەرلىك ئالكوگىل بالىلار چىش پاستىسى

(8)شۇشىيا بالىلار ئالماس چىش پاستىسى .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى يىگىلەپ قالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلاردىكى ئوغرى چىشنى قالايمىقان تاتقۇزۇشقا بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .