بالىلار نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟ قارىشىمچە مۇنداق بىر نەچچە نۇقتا ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن  

بالىلار نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟

  1) قورقۇش. بالىلار ئاتا–ئانىسىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ يالغان سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرى ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىككىنە خاتالىق تۈپەيلى ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇرۇپ، دۇشكەللەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار يالغان سۆزلەپ بىر قېتىملىق ئاھانەتتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ –دە، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىممۇ يالغان سۆزلەشكە ئۆگىنىپ قالىدۇ .

  2) باھانە ئىزدەش. بىر قىسىم بالىلار ئاتا–ئانىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىيالمىغانلىقىنى ‹‹قورسىقىم ئاغرىپ قالدى، نەرسەم يوقاپ كەتتى...››دەپ يالغان ئېيتىپ، باھانە-سەۋەب كۆرسىتىش  ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يالغان سۆزلەشنىڭ ‹‹ پايدىسى››نى كۆرۈپ، يالغانچىلىققا كۆنۈپ قالىدۇ. 

   3) شۆھرەتپەرەسلىك. ئۆزى قىلمىغان مەلۇم ياخشى ئىش تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بالىدا، يالغان سۆزلەپمۇ ماختاشقا ئېرىشكىلى بولىدىكەنغۇ دەپ، داۋاملىق يالغان سۆزلەش ئادىتىنى  يېتىلدۈرىۋالىدۇ. 

   4) پايدا قوغلىشىش: بالىلار ئاتا– ئانىسىدىن ياكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مۇكاپات ئېلىشنى ئويلايدۇ. بەزىدە يالغان سۆزلەش ئارقىلىق ياماننى ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، كەمپۈت، شاكىلات قاتارلىق مۇكاپات بۇيۇمىغا ئېرىشىپ، يالغان سۆزلەپ تەقدىرلەشكە ئېرىشىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ . 

  ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئادىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ 

  1. بالىلارنى چۈشىنىش كېرەك. يەنى بالىلارنىڭ نېمىنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىگىلەش. ئۇلار قىلالمايدىغان ئىشنى، قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا زورلىماسلىق. بالىلارنىڭ  قىلغان ئىشلىرىنى ۋاقتى– ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .

 2) يوشۇرۇن ئىشارەت قىلىش يەنى بالىلارنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆپرەك ماختاش كېرەك. بالا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا ئۇنى ئەيىبلىمەستىن، ئۇنىڭ سەمىمىي، راست گەپ قىلىپ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى  ماختاپ، بالىغا ئىلھام بېرىش، بالىنى داۋاملىق راستچىلىق، سەمىمىي بولۇشقا ئۈندەش كېرەك . 

 3) ئۈلگە كۆرسىتىش. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئەينىكى، بالىلار چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ. يېقىندا، قىزىم قاتنىشىۋاتقان  ئىنگلىزچە كۇرستىن تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. سەۋەبىنى سورىسام ‹‹ مۇئەللىم يالغانچى ئىكەن، بىزگە ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى ›› دېدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزىبىر كىچىككىنە ئىشلارمۇ بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بەزىدە بىزنىڭ ئويلاشمايلا بېرىپ قويغان ۋەدىمىز، بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بالىلارغا قىلالايدىغان ئىشلارغا ۋەدە بېرىشىمىز، قىلىشقا ۋاقتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بېرىپ بالىلارنى ئالدىماسلىقىمىز كېرەك .

   مەلۇم تونۇشۇم بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون بەرگەندە، دوستىنىڭ كىچىك بالىسى تېلېفوننى ئېلىپ ‹‹ دادام ئۆيدە يوق›› دەپ جاۋاب بەرگەن. تونۇشۇم چاقچاق قىلىپ ‹‹ دادىڭىز ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدىغۇ چاققان چاقىرىڭ›› دېگەندە، بالا‹‹ دادا، سىزنى كۆرۈپ قاپتۇ، چاققان كېلىپ تېلېفوننى ئېلىڭ» دېگەن. مانا بۇ بالا يالغانچىلىقنى باشقىلاردىن ئەمەس ئاتا–ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆگەنگەن. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن بالىلارغا يالغانچىلىقنى ئۆگىتىش، ئاتا –ئانىلار ئۈچۈن نومۇس ئىش. شۇڭا، ئاتا– ئانا، ئوقۇتقۇچى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق راستچىللىق، سەمىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى لازىم .

    4) مۇۋاپىق تەنقىدلەش، چۈشەندۈرۈش. بالىلار تۇنجى قېتىم يالغان سۆزلىگەندە ئاچچىقلاپ، چېچىلىپ كەتمەي، تەمكىن بولۇپ، يالغانچىلىقنىڭ بالىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى چىرايلىق چۈشەندۈرۈش ئاقىلانىلىك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتى يىگىلەپ قالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .