بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ئەقىللىك، زېرەك، چاققان، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئىكەنلىكى بىلەن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ دۆت، قاشاڭ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن قايغۇرىدۇ زادى قايسى ئامىللار بالىلارنىڭ ئەقىللىك ۋە دۆت بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

1.      ئۆزىدىكى ئامىللار:
2.     ئىچكى ئامىل – ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسى.
1›تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال: مەسىلەن، بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇتتىكى زەخمىلىنىش (بېشى زەخىملىنىپ قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش )،بالىنىڭ بېشى كىچىك غەلىتە شەكىلدە بولۇش قاتارلىق  ئەھۋاللاردا بالىنىڭ ئەقلى تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن جەزمەن ئۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن. بەزى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچارراق بولسىمۇ لېكىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
 
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

2) ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن ئەھۋالى: ئوزۇقلىنىشى ناچار بولغان بالىلارنىڭ بەدىنى، ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناچارراق بولىدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى تەمىنلەيدىغان قۇۋۋەت مەنبەسى يېتەرلىك بولمىسا نەتىجىدە بالىنىڭ ئەقلى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر  يېتىدۇ. بۇلاردىن باشقا بالىنىڭ بەدىنى مۇكەممەل بولمىسا، مۇسكۇللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار بولسا بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ.

3) بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولسا كىتاب ئوقۇشى قىيىنلىشىدۇ. قۇلىقى ئېغىرراق بولسا دەرس ئاڭلىشى قىيىنلىشىدۇ. بولۇپمۇ تۇغما خاراكتېرلىك كۆرۈش  قۇۋۋىتى، قۇلىقىنىڭ ئاڭلىشى ناچار بولسا ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.

4) كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى كېچىكىش: نورمال ئىككى ئايلىق بولغاندا بالا مېڭىۋاتقان ئادەمگە دىققەت قىلىپ قارىيالايدۇ. ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئۆزىنىڭ قوللىرىغا قارىيالايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندە رەسىملەرنى تونىيالايدۇ. يەتتە ياشقا كىرگەندە كىتاب كۆرۈپ  خەت يازالايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچارراق بولسا، كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى نورمال بالىلارغا نىسبەتەن كېچىكىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار بولىدۇ.

5) ئۆگىنىش قالايمىقان بولۇپ ئىدىيەسىنى بىر يەرگە يىغالماسلىق: بەزى بالىلار ھېلى بۇنى ئويلىسا، ھېلى ئۇنى ئويلاپ ئىدىيەسىنى بىر يەرگە يىغالمايدۇ. تەپەككۇر قىلىشى زىيادە تۇراقسىز بولىدۇ. ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ داۋاملىق خاتالىقلار تۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خۇشال بولغاندا تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدۇ. لېكىن ئادەتتە قەلەم تەۋرىتىشكىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بالا چوڭ بولغانسېرى تۈزۈلۇپ كېتىدۇ.

6) مىجەزى: بالىلارنىڭ مىجەزى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى بەزى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقۇش بىلەن ئانچە خۇشى بولمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇش، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشكە قىزىقمايدۇ. نەتىجىدە ئۆگىنىش  نەتىجىسى ناچار بولىدۇ.

7) بەزىبىر نېرۋا ۋە روھىي كېسەللىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولىدۇ.

8) باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى: قان تەركىبىدە گىلۇكوزا تۆۋەن بولسا، دائىم چۆچۈپ تارتىشىش، دۆۋىلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كېسەللىكلىرى مەسىلەن،  مېڭە ياللۇغى، مېنىنگىت بىلەن ئاغرىغان ياكى بېشى زەخىملەنگەن بالىلار ئەسلىدە ناھايىتى سالامەت بولسىمۇ لېكىن، كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تۇتقاق كېسىلى ۋە باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تارتىشىپ دۆۋىلىنىش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىۋەرسە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى مېڭە زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلىپ، بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2. ئائىلىدىكى ئامىللار:
بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئائىلىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، چوڭلارنىڭ كىچىككىنە بىرەر ھەرىكىتىمۇ بالىلارغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

1) ئائىلىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بالىلارغا نىسبەتەن ئۈلگە بولىدۇ. مەسىلەن، گۈل ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ. ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، بىرەر نەرسىگە ئامراقلىقى قاتارلىقلار بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

2) ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلار ئۆگىنىشىگە بولغان پوزىتسىيەسى:بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە نىسبەتەن مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېچقانداق كارى بولمايدۇ. بەزى ئائىلىلىكلەر بالىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان، تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئادەتكە كۆندۈرۈپ، تەربىيەلەيدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ كارى بولمايدۇ. بەزىلەر بالىلىرىنىڭ كۆپرەك نېمە ئۈچۈن؟دەپ سوئال سورىشىغا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھەمدە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ چۈشەندۈرىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ سوئال سورىشىدىن زېرىكىدۇ، ياخشى كۆرمەيدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئۇلارنى يېتەكلىمەي، چۈشەندۈرمەيلا ھەممىسىگە ئارىلىشىۋالىدۇ، بالا ياخشى ئۆگىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ.

3) ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4) ئائىلە ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆگىنىشنىڭ تەسىرى:يەكشەنبە، بايرام، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئويناش، كىنو كۆرۈش، تېلېۋىزور نومۇرلىرى كۆرۈش، ھېكايە ئېيتىش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5) ئائىلىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى: ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ مۇتلەق بولمايدۇ.

3. مەكتەپتىكى ئامىللار:
1) ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى:بەزى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى تەقدىرلەش، توغرا رىغبەتلەندۈرۈش ئورنىغا ئەكسىچە قورقىتىش، سوغۇق كۈلۈش، جازالاش ۋە تەنە سۆز قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

2) دەرس سۆزلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى: بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆتمەكچى بولغان دەرسنىڭ مەزمۇنىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ياكى دەرسى قوپال، چۈشۈنۈكسىز سۆزلەيدۇ – دە بالىلار ياخشى ئۆگىنەلمەيدۇ.

3) ئۇزۇن ۋاقىت دەرسكە قاتناشماسلىق:  مەكتەپكە كەلمەي ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن دەرستىن قېلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېتىشەلمەي، نەتىجىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

4) كۆپ مەكتەپ ئالمىشىش: مەكتەپنى كۆپ ئالماشسا بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتۇش سۈرئىتى، مەزمۇنى، ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يۇقىرىقى نۇرغۇنلىغان ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپىنچە سەۋەبلەرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكىلەر زىچ ماسلاشقاندىلا بالىلارنىڭ. ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقى ئامىللارنى تۈزەتكىلى ۋە كەمچىلىكلەرنى يەڭگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بويى ئىگىز بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .