نۆۋەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن ئىنتايىن ماس كېلىدىغان كىتابلار، ژۇرناللار نەشر قىلىنماقتا پەرزەنتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن جايلاردىكى كىتابخانىلاردىن ئۆزىگە كېرەكلىك كىتاب – ژۇرناللارنى سېتىۋالسىمۇ، مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولسىمۇ بولىدۇ

   ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ۋە تۈرىنى تاللاپ، ئۆزىنى نامايان قىلىش، تەسىر كۆرسىتىشكە قىزىقىدۇ. دېمەك، پەرزەنتلىرىمىز ئۆزى قىزىقىدىغان كىتابلارغا شەخسىي ياكى مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ تەرەپتىكى بىلىمىنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.

   ئەگەر پەرزەنتىمىز مەلۇم مەزمۇندىكى ئوقۇشلۇققا مەكتەپ ئارقىلىق مۇشتەرى بولسا، شۇ كىتابنى تولۇق ئوقۇشقا، مەزمۇنىنى تېزرەك ئىگىلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ، چۈنكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇشۇ كىتابقا مۇشتەرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەر قېتىم كىتاب – ژۇرنال كەلگەندە ئۆزىدە بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇ كىتابنى، ژۇرنالنى ئوقۇش ئارقىلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىجابىي كەيپىيات پەرزەنتىمىزنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان كىتاب – ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشى بىلەن بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مىجەز – خاراكتېر جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە، ساغلام بولغان يېڭىچە كۆز قاراشنى بايقىغاندا، دەرھال ماسلىشىپ قوللىشىمىز، رىغبەتلەندۈرۈشىمىز؛ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە، پىشىپ يېتىلىشىگە، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەجرىبە توپلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

   چۈنكى قىزىقىشى ئارقىلىق تەربىيەلىنىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، قوللاش ئۇنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەنبەسىدۇر.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قېلىن چەملىك ئاياغ بالىلارغا ياقمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەك پاكىزلىق بالىلارنى ئوڭاي كېسەل قىلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .