ھەزىم قىلىش دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن ياسىلىدىغان بولغاچقا، ئاتا- ئانىلار بۇ خىل دورىلارنى بىخەتەر، ئەكس تەسىرى يوق دەپ قارايدۇ، بىراق بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالسىلا، تاماق سىڭدۈرىدىغان دورا يېگۈزۈش ياخشى ئۇسۇل ئەمەس

كىچىك بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن، شۇڭا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن ئاسان مەسىلە چىقىدۇ. ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماق سىڭدۈرىدىغان دورىنى يەپ بەرسە، ھەقىقەتەن بالىنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ، ئەمما بالىلار ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ تاماق سىڭدۈرىدىغان دورىنى ئۇششاق يېمەكلىك كەبى دائىم يېسە، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ.


يېيىلگەن يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىپ بەدەنگە قوبۇل قىلىشقا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي مەسئۇل، ئەگەر بالىلار يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىشتا ئۇزاققىچە دورىغا تايىنىپ قالسا، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئاجىز ئاشقازىنى بىلەن ئۈچىيى تېخىمۇ ئاجىزلاپ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارغا مېۋە-چىۋىنى تاللاپ يىگۈزۈش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماق تاللايدىغان بالىلار ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .