بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى ئۇۋىلاپ ياندۇرۇش ئۇسۇلىنى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى كىتاپ تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىۋالغان ئىدىم لېكىن بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەت بەك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقماپتىمەن  

بالىڭىز قىزىپ قالغاندا .... (ئاتا- ئانىلارغا تەۋسىيە)

ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل

 

بىر كۈنى كەچتە، 5 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم «ئىھ، ئىھ ئىھ...» دەپ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ كەتتى. نېمە بولغاندۇ دەپ، بەدىنىنى تۇتسام ئوتتەك قىزىق، پىشانىسىنى تۇساممۇ ئوخشاش قىزىق ھارارەت. «نېمە بولدۇڭ، ئوغلۇم؟» دەپ سورىسام، «بەك بىئارام بوپ كېتىپ بارىمەن» دېگەننى ئاران دېيەلىدى، مېنىڭمۇ كۆزۈم ئۇيقۇچىلىقتا بولغاچقا، دەماللىققا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم. شۇ چاغلاردا، ئايالىم تۇغۇش ئۈچۈن يۇرتىغا كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۆيدە ئاساسەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق. ھېلىمۇ ياخشى، شۇ كۈنى ئاتام بىلەن ئاپام بىزنى يوقلاپ قارادۆۋىدىن كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار باشقا ھوجىرىدا ئۇخلاۋاتقاچقان، ئۇلارنى مالال قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم. 

سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن كۆزۈمنى مەجبۇرى يىرتىپ ئېچىپ، ئامال ئىزدەشكە كىرىشتىم. ئاتا- ئانا بولغۇچى ھەر  قانچە بولسىمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ نالىسىگە قاراپ ئولتۇرۇپ بولالمايدىكەن. ئۆزەممۇ تېببىي ئوقۇغان، يەنە كېلىپ، بۇرۇن بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئائىت كىتاپنىمۇ تەرجىمە قىلىپ باققان ئىدىم. دەسلىۋىدىلا، بۇنىڭغا بىر ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىش، يەنى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇشنى ئويلاشتىم. 

بۇلتۇر تەرجىمە قىلغان «شىپالىق قول» (手到病自除) ناملىق كىتاپتا، بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى ئۇۋىلاپ ياندۇرۇش توغرىسىدا بىر مەزمۇن بارلىقى دەرھال ئېسىمگە كەلدى، لېكىن ۋاقىت سەل ئۇزۇراپ كەتكەچكە، ئۇ مەزمۇننىڭ قايسى بابتا، ئەڭ مۇھىم قايسى پەللىنى ئۇۋىلايدىغانلىقى پەقەتلا ئېسىمدىن چىكىتىپ قاپتۇ. 

كىتاپخانا ئۆيۈمگە كىرىپ، «شىپالىق قول» دېگەن كىتاپنىڭ خەنزۇچىسىنى تاپتىم، ئاندىن ۋاراقلاپ ئېلىپ، بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، پۇتنىڭ تاپان تەرىپى، يەنى بارماقنىڭ ئاستىدىكى لوق گۆش تەرەپلەرنى ئۇۋىلايدىغانلىقىنى كۆرىۋالدىم، بۇ ئورۇنلار  ئۆپكە پەللىسى بولۇپ، ئوتتۇرا پۇت بارماقنىڭ تاپان تەرىپىمۇ كاناي پەللىسى ھېساپلىناتتى. بەدەن قىزىسا، نېمە ئۈچۈن ئۆپكە پەللىسىنى ئۇۋىلايمىزكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۆپكىنىڭ خىزمىتى ئاكتىپ بولسا، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى تېزلىشىدۇ، ئەلۋەتتە تېرىمۇ ئىسسىقلىقنى سىرتقا تارقىتىدۇ، لېكىن ئۆپكىنىڭ ھەيدەكچىلىك رولى ئادەتتە بىر قەدەر ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇنى دەپ كەلسەك سەل مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن، پەقەت چۈشەنمىگەن بولسىڭىزمۇ كېرەك يوق، گەپنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۆپكە بەدەن ئىسسىقلىقىنى تارقىتىشقا تۈرتكە بولىدىكەن دەپ چۈشۈنۈپ تۇرساق بولىدۇ. تاپاندىكى ئۆپكە پەللىسىنى ئاستىدىكى رەسىملەردىن كۆرىۋېلىڭ. 

 

شۇنىڭ بىلەن ھوجرا ئۆيۈمىزگە كىرىپ، قىزىتمىدىن ئىڭىراپ ياتقان ئوغلۇمنىڭ پۇتلىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدىم، ئۈستۈن تاپان تەرەپتىكى ئۆپكە پەللىسىنى توختىماي ئۇۋىلىدىم، تەخمىنەن 10- 15 مىنۇتتىن كېيىن، ئوغلۇمنىڭ «ئىھ، ئىھ...» دېيىشلىرى ئاستىلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يەڭگىل ئۇيقۇ ئاۋازى ئېلىشقا باشلىدى. ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقسام، قىزىتمىسى ھەقىقەتەن يېنىپتۇ، بەدەنلىرىمۇ نورمال. 

«ئۇف، خۇداغا شۈكرى!» دەپ ئۇخلاي دېسەم، ئۇيقۇممۇ سەل قېچىپ قاپتۇ. ئابايىقى ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىدىن «ئىھ، ئىھ.. » دېيىشلىرى ئېسىمگە كېلىپ، كىچىك ۋاقتىمدا مومامنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغان چاغلىرىدىكى «ئىھ، ئىھ ... » دېيىشلىرىنى ئەسلەپ قالدىم، بۇ خىل «ئىھ » دېيىشنى سىز چوقۇم ئاڭلىغان، بۇنى باشقا مىللەتلەر دوراپ دېيەلمەيدۇ، مېنى ئاساسەن ئاشۇ رەھمەتلىك مومام بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر مېھرىبان موماي ئىدى، مەنمۇ كىچىكىمدە قىزىتىپ قالغاندا، مەن ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمايتتى، ھەمدە بىر ئاماللارنى ۋە يەرلىك ئۇسۇللارنى قىلىپ، قىزىتمامنى ياندۇراتتى. شۇلارنى ئەسلەپ، رەھمەتلىك مومامنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئەتتىم. چوڭلار ۋە قەدىمكىلەر يەنىلا تەجىرىبىلىك. 

شۇلارنى خىيال قىلىپ، يەنە ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتىمەن. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئىككى سائەتلەر ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئوغلۇم يەنە «ئىھ، ئىھ» دېگىلى تۇردى. باشقا ئاۋازلار بولسا خىيالىمدا يوق ئۇخلاۋېرەتتىم، چۈنكى ئانچىكى ئاۋازلار مېنىڭ ئۇيقۇمغا دەخلى قىلالمايدۇ، لېكىن جان- جىگەر ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى بولغاچقا، يەنىلا سەگەكلىك بىلەن ئۇيقۇمنى ئاچتىم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن، پەرزەنت ئۇ تەڭرىنىڭ ئاتا- ئانىلارغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەڭ نازۇك ئامانىتى ئەمەسمۇ!؟ بۇ ئامانەتنى چوقۇم سالامەت ساقلاش ئاتا- ئانىلار باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. شۇڭا دەرھال تۇرۇپ، ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم، چۈنكى ئەھۋال سوراپ قويۇشمۇ بىر خىل مېھرىبانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا كۆڭلى %90 تەسەللىي تېپىپ، كېسىلى %10 بولسىمۇ شىپا تېپىپ قالىدۇ. 

-نېمە بولدۇڭ ئوغلۇم؟

- يەنە بىئارام بولىۋاتىمەن، ھۈ.... 

مەن كېسەلنى روھىي جەھەتتىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمەلىيەتتە كېسەللەرنىڭ دورىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ئۆزىنىڭ روھىيىتىدە، جىسمانىيەتتىكى كېسەللىك ناھايىتى ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئوغلۇمنىڭ پىشانىسىنى تۇتسام، يەنە قىزىپ قاپتۇ. 

بولدى، گەپنى ئاز قىلىپ ئوغلۇمنىڭ پۇتىنى ئۇۋىلاي، بەك قىزىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ! شۇنداق، دەل ھېلىقى ئۆپكە پەللىسىنى ئۇۋىلىدىم، باشتا ئۇۋىلىغىنىمنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىكىن، پۇتىنى ئۇۋىلىسام، لام- جىم دېمەي جىم ياتتى. يەنە شۇ تەخمىنەن 10- 15 مىنۇتلار ئۇۋىلىغان چېغىم، بالىنىڭ قىزىتمىسى يەنە يېنىپ، ئوغلۇم يەڭگىل ئۇيقۇغا غەرق بولدى.

 

خىيالىمدا يەنە شۇ «ئىھ، ئىھ» ئاھاڭلىرى، بۇ خىل ئاھاڭنى ئالدىدا دەپ ئۆتتۇق، پەقەت ئۇيغۇرلا مۇشۇنداق تاۋۇش چىقىرىدۇ. خۇددى بىر يېرىمىز ئاغرىپ كەتسە ھەممىمىز «ۋايجان!» دېگەندەك، خەنزۇلار بولسا «ئەييا» دېگەندەك بىر ئىش. بەلكىم، ئاغرىپ قالسا بىزدەك «ئىھ، ئىھ» دەيدىغان باشقا تۈركىي مىللەتلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ھازىرچە دىيارىمىزدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا، بۇنداق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار، مەن بىلىۋالسامكەن. راست گەپنى قىلسام، ئۇلۇغ تىلشۇناسىمىز مەھمۇت كاشغەرىنىڭ گىگانىت ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كېسەلنى «ئىگ» دەپ ئاتىغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇ سۆز ئوغلۇم ئابايا چىن دىلىدىن تەلەپپۇز قىلىپ چىقارغان «ئىھ» سۆزى بىلەن سەل يېقىن. بىزدە يەنە ئاۋازنى بىلدۈرىدىغان «ئىنجىقلاش»، «ئىڭىراش»  دېگەندەك سۆزلەر بار، بۇ سۆزلەرنى «ئىگ»، «ئىھ»لار بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. شۇنداقتىمۇ، قەدىمكى تۈركلەرنىڭ كېسەلنى نېمە ئۈچۈن «ئىگ» دەيدىغانلىقىغا غۇۋا بولسىمۇ جاۋاب تاپتىم. ئوغلۇم بىلەن بىلەن مەھمۇت بوۋىمىزغا ھەشقاللاھ، يەنە رەھمەتلىك مومامغىمۇ تەشەككۈر!

بۇلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈمدە مەھمۇت بوۋىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، سوراپ كۆرەرمەن دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن، قايتىدىن بۇخارا تامان سەپەر قىلدىم.... 

بەلكىم يەنە تەخمىنەن ئىككى سائەتلەر ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئوغلۇم «ئىھ، ئىھ» دەپ يەنە ئىڭىراشقا باشلىدى. ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنە ئورنۇمدىن دەرس قوپتۇم. ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىسى يەنە ئۆرلەپ كېىپتۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟! يەنە شۇ ئۇسۇل، پۇتىنى ئۇۋىلاش. 

 تەخمىنەن 15مىنۇتلار ئۇۋىلىغاندىن كېيىن، ئوغلۇمنىڭ قىزىتمىسى چۈشۈپ، ئۇيقۇغا كەتتى. مەنمۇ ئارام ئېلىش ئۈچۈن، ياستۇققا بېشىمنى قويدۇم. قىش پەسلىدىكى تۈنلەر ھەقىقەتەن ئۇزۇن بولىدىكەن، ئۈچ قېتىم ئويغۇنۇپ، ئوغلۇمنىڭ تاپانلىرىنى ئۇۋىلاپ بولدۇم، تېخىچە تاڭاتماپتۇ. تاڭ ئېتىشقا بەلكىم يەنە ئۈچ سائەتلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەتە ئىشقا چىقىدىغان بولغاچقا، مەنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيقۇنى قاندۇرىۋالمىسام بولمايدۇ، شۇڭا كاللامدا ئۇششاق خىياللارغا ئورۇن بەرمەي، دەرھال كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلىدىم. 

بىر ۋاقتىدا، ئاتام بىلەن ئاپام بامداتقا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن، چىراقلارنى يېقىپ، تازىلىق ئۆيلىرىگە كىرىپ چىقىپ يۈردى. ئۇلارنىڭ تىۋىشىدىن ئەمەس، قانداقتۇر ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم....... 

 

ئوغلۇم ئويغانغاندا، بەدىنىدە ئازراقمۇ قىزىتما قالماپتۇ، لېكىن مىجەزى سەل بوش بولۇپ قاپتۇ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، كېچىدىن ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتتى ئەمەسمۇ. بۈگۈن ئوغلۇم مەكتەپكە باراتتى، 5 ياشتا مەكتەپكە ئالامدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئوغلۇم بۇ يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتى، تارانچى كۆمۈر كان رايونىدا ئۇيغۇرچە يەسىلى بولمىغاچقا، مىللىي مەكتەپتە تەييارلىق سىنىپمۇ ئاچقان ئىدى، 5 ياشقا توشقان بالىلارنى ئالىدىكەن، ئوغلۇم ئارانلا 5 ياشقا توشۇپ، مەزكۇر سىنىپقا ئېلىنغان ئىدى. 

ئوغلۇمنىڭ مۇئەللىمىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېيتتىم، مۇئەللىممۇ دەرھال بالىنىڭ دەم ئېلىشىنى، ئوبدان كۈتۈنۈشنى ئيېتتى. دېمىسىمۇ، بالىنىڭ ئوقۇشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىكى مۇھىم، سالامەت بولغاندىلا، بالىلار ئاندىن مەكتەپكە ساق بېرىپ كېلىپ ئوقۇيالايدۇ ئەمەسمۇ!

شۇ كۈنى ئىشقا بېرىپ چۈشكە ئۆيگە كەلسەم، ئوغلۇم ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ، قايتا قىزىتماپتۇ. ئۆزەممۇ بۇ ئۇسۇلنىڭ خېلى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى بىلىپ، نۇرغۇن دوستلىرىمغا ۋە خىزمەتداشلىرىمغا دەپ بەردىم. بەزىلىرى بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆرۈپتۇ. 

 

ئەسلىدە، بۇھەقتە تېما يېزىش خىيالىم يوق ئىدى. لېكىن بىر كۈنى، نىمكەش پەنەركە ئالغىلى بېرىپ قارىسام، شۇ ئەتراپتىكى بىر ئايالنىڭ بالىسى ئاران- ئاران ماڭىدىكەن، قانچىگە كىردى دەپ سورىسام، 5 ياشقا كىردى دەيدۇ. ئۇ ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، بالىسى بىر ياش ۋاقتىدا قىزىپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، دوختۇرلار قىزىتمىسىنى چۈشۈرەلمەي، ھازىرقىدەك ئاجىز ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ. 

بۇ بالىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى، ئازاپلاندىم، ئەگەر شۇ ئايال بۇرۇنلا مەن بىلگەندەك پۇتنى ئۇۋىلاپ قىزىتما چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى بىلگەن بولسا، ئوغلىنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈپ، نورمال بالىلاردەك قىلۋالغان بولسا دېگەن ئۈمىدلەرنى قىلىپ كەتتىم. 

بەلكىم بەزىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، قىزىتما ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈر كېسەللىكلىك بولۇپ، ۋاقتىدا قىزىتمىسىنى ياندۇرىۋالمىسا، كىشىلەرنى بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنى قولىغى ئاڭلىمايدىغان، دەلدۈش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ، ھەتتا قىزىتما سەۋەبلىك بالىلار ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ. 

بالىلار قىزىتىپ قالغاندا، ياش ئاتا- ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي پايپاسلاپ كېتىدۇ، يېرىم كېچىدە قىزىتىپ قالسا، شارائىتى بارلار ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بىلەن دەرھال بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارالايدۇ، شارائىتى يوقلار بولسا ئۆيدە ئۆزى بىلگەنچە بىر ئاماللارنى قىلىپ بېقىپ، پەقەت بولمىغاندا، كېچىكتۈرۈپ بولسىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. بەزى دوختۇرخانىلاردا بالىلارنىڭ قىزىتمىسىغا ئامال چىقىشى ناتايىن، چۈنكى قىزىتمىنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولىدۇ، بۇ قىزىتمىغا پايدا قىلغان داۋالاش ئۇسۇلى يەنە بىر خىل قىزىتمىدىكى بالىغا پايدا قىلىشى ناتايىن. مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن قىزىتىشىدىن قەتئىينەزەر، تاپان تەرەپتىكى ئۆپكە پەللىسى ئۇۋىلاش ئارقىلىق ئۆپىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش رولىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ قىزىتمىسىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. 

پەقەت بۇ ئۇسۇلغا قاراپلا قالماي، يەنە ئەڭ مۇھىمى بالىنىڭ بېشىنى ئاسراش كېرەك، چۈنكى باش بەك قىزىپ كەتسە، زاغرا تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا، قىزىتما نېرىپلارنى كۆيدۈرىۋېتىپ، باشتىكى بەزى مۇھىم سەزگۈ ئەزالار، مەسىلەن: سۆزلەش، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە باشقا ئەزالارنى زەخمىلەندۈرۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا قىزىتىپ قالغان بالىنىڭ بېشىگە سوغۇق لۆڭگە قويۇش، ئىسپىرت سۈركەش ياكى مۇز سۈركەش، مۇزنى مەقەتكە تىقىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىنىڭ قىزىتمىسىنى نورماللاشتۇرش كېرەك.

كىچىككىنە مەزمۇننى كېڭەيتىپ ھەمدە ئۆزەمنىڭ قىزىقىشلىرىمنى قوشۇپ يۈرۈپ مۇشۇنداق يېزىپ قالدىم، ئاتا- ئانىلار ئەيپكە بۇيرىمىغايسىزلەر! مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بارلىق بالىلىرىمىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ساغلام، ئېتىقادلىق ۋە ئەقىللىق چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

 

 

 

 

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى

قومۇل تارانچى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياز ئايلىرىدا بوۋاق بېقىش ساۋاتلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دەرستىن سىرتقى كۇرس بالىلاردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .