ياز ئايلىرىدا بوۋاق بېقىش ساۋاتلىرى


1. يېنىك تاماقلارنى يېگۈزۈش كېرەك. ياز پەسلىدە بەدەندىكى سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىشى ئاستىلاپ، كىشىلەردە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بالىلارغا يېنىك تاماق يېگۈزۈش، يەنى ئۇن، گۈرۈچ تامىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچۈرۈش كېرەك.

2. كالتىسي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ياز پەسلىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كالتىسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگۈزمەسلىك كېرەك.

3. ئۇپىنى ئاز ئىشلىتىش. ياز پەسلىدە كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، نۇرغۇن ئانىلار بالىسىنى تولا ئۇپىلايدۇ، لېكىن بۇ بالىلاردا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۇخلىغاندىن كېيىن يەلپۈمەسلىك. بالىنى كۆپ يەلپۈمەسلىك ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا ئۇزاق ئۇخلاتماسلىق كېرەك.

ـــ ماتېرىيالدىن

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئېرىمچىك ۋە بالىلار ساغلاملىقى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىڭىز قىزىپ قالغاندا .... (ئاتا- ئانىلارغا تەۋسىيە) توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .