بالىنىڭ ئىشتاھاسىنى مۇنداق ئېچىڭ

3 ياشلىق بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت كۆپ ئۇچىرايدۇ ، بۇنداق چاغدا مۇنۇ تەدبىرنى قوللىنىپ باققانغا يەتمەيدۇ،

1.بالىغا ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق بىرىش ، مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات يىگۈزۈش ، يىرىك تالالىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق بىرىش ، مايلىق ئىسسقلىق مىقدارى كۆپ ، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يىمەكلىكلەرنى ئاز بىرىش ، گۆشسىز تاماق بىلەن گۆشلۈك تاماقنى ئارلاشتۇرۇپ بىرىش ، تاماق تاللاتقۇزماسلىق ، ئۇششاق يىمەكلىكنى ئاز بىرىش ، خام ، سوغۇق، ئاچچىق ، چۈچۈ مەك يىمەكلىكىنى ئامال بار ئاز بىرىش.

2. بالىدا توغرا يىمەك- ئىچمەك ئادىتى يىتىلدۈرۈپ ، ھەر ۋاقلىق تاماقنى دەل ۋاقتىدا بىرىش، تاماق يىگەندە ھىكايە ئېيتىپ بەرمەسلىك ، كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ تاماق يىگۈزمەسلىك، بالىنى خوشال كەيپىياتتا تاماقلاندۇرۇش ، تاماق يىگەندە ئەدەپلىمەسلىك ،

3.ئەگەر بىرلەمچى كېسەللىك بولسا ئاكتىپ داۋالىتىش ، مىكرو ئېلىمىنىت ، سىنىكلار كەم بولسا دەل ۋاقتىدا داۋالىتىش ، بالىدا قەرەللىك چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈش ، تەرەپ قىلغاندا ھىكايە ئېيتىپ بەرمەسلىك ، كىتاپ كۆرسەتمەسلىك ، بالىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇش ، ھەر كۈنى ھەركەت قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا 3 ياشتىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا تىرىشىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلاردىكى ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىشنىڭ 6 تۈرلۈك سەۋەبى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .