بەزى بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىن تېرىسى قىچىشىدۇ ياكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ

چۈنكى ئىچىملىك تەركىبىدىكى (بولۇپمۇ مەخسۇس بالىلار ئىچىملىكىدە) قەنت، مۇئەتتەر، پېگمېنت، ئاقسىل، ساخارىد ۋە ھەر خىل مېۋە سۈيى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشچە، ئۈچتىن بىر قىسىم بالىلار ئىچىملىك ئىچسە، ھەر خىل تېرە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە بار بالىلارنىڭ %9 دە تېرە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر قىسىم بالىلارنىڭ تېرە سەزگۈرلۈكى (تېرە كېسىلى) ياز پەسلىدە ياخشى ساقىيالمايدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىشتىن بولىدىكەن ، شۇڭا تېرە كېسىلى بار بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىكى، تېرىسى ساغلام بالىلارمۇ ئاز ئىچىشى كېرەك ئىكەن.

--ماتېرىيالدىن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يازدا بالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارغا ئىلھام بېرەيلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .