ئانىلار يازدا بالا باقماق ئاسان ، كىيىم كەيدۈرۈشمۇ تەس ئەمەس ، قىش كۈنلىرىگە ئوخشاش ئاسان زۇكام بولۇپ قالمايدۇ دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە يازدا بالابېقىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس

  تۆۋەندە يازدا بالا بېقىشتىكى بىر نەچچە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ.

1. بالىلار يۈگۈرۈپ ئويناشتىن بۇرۇن تىزلىق كىيدۈرۈپ قويۇش كېرەك.

   كەپسىز بالىلار ياز كىرىشى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ‹‹ دىققەت قىل ، ئاستا يۈگۈر›› دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدۇ ، ئويناش جەريانىدا يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، بىراق يىقىلىپكەتكەندە ئەڭ ئاسان زەخمىلىنىدىغان جاي تىز بولۇپ ، بۇ جاينىڭ ساقايمىقىمۇ ئاسان ئەمەس . يازدا بالىلاردا ئۇزۇن ئىشتان كىيدۈرۈپ قويغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ئىمكان بار بالىلارغا ئويناشتىن بۇرۇن تىزلىق كىيدۈرۈپ قويۇش كېرەك.

2 . بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاستىغا لۆڭگە سېلىپ قويۇش كېرەك.

   يازدا بالىلار كۆپ تەرلەيدۇ ، بولۇپمۇ ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەكرەك تەرلەيدۇ ، ئەگەر بالا بىرلا شامالداپ قالسا زۇكام بولۇپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاستىغا لۆڭگە قويۇپ قويغاندا لۆڭگە تەربى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

پاشا چاققان جايغا سوپۇن سۈرۈش.

   ياز كۈنلىرى بالىلارنى ئاسانلا پاشا چېقىۋالىدۇ ، بۇ چاغدا پاشا چاققان ئورۇنغا سوپۇننى سۈركەپ قويساق قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ . قانچە بالدۇر سۈركەپ قويساق ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ناچار ئادەتلەر بالىلارنىڭ چىراي شەكلىگە يامان تەسىر بېرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىڭىزدا تېرە كېسەللىكى بايقالسا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكۈزمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .