تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئويۇنچۇقنىڭ بەك كۆپ بولۇشى ياكى نامۇۋاپىق ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بالىلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن

 

سەۋەبى بالىلار ئالدىدىكى شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقلار ئىچىدىن قايسىسىنى ئويناشنى بىلەلمەي زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي قالىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئويۇنچۇقى ئاز بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپرەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ياخشى، ئويۇنچۇقى كۆپ ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە غىدىقلاشنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنى گاڭگىرىتىپ قويۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەلۇم باسقۇچتىكى بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئويۇنچۇق ئىككى – ئۈچ تۈرلۈك بولسىلا كۇپايە. شۇڭا بالىلار ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقىدىن زېرىكىپ، ھېچقانداق يېڭىلىق ھېس قىلالمىغاندىلا، باشقا ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

    زۇلپىيە مەخمۇت تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۇۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرمىغان ياخشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىڭىزغا ئويۇنچۇق كۆزئەينەك ئېلىپ بەرمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .