كۆپىنچە ئاتا - ئانا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان بالىلىرىن

     كۆپىنچە ئاتا - ئانا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغان بالىلىرىنى ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ۋە قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرگە ئامراق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈشى ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تېز بولىدىكەن . 

  بۇنىڭ سەۋەبى ، بەدەن تېز ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرغاندا ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدىكەن . قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەر ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ ، ئۆسۈشتىكى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجنى قامدايدىكەن . ياشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ ، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىدىن دېرەك بېرىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار تەدرىجى ئاجىزلايدىغان بولغاچقا ، بالىلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرگە بولغان <<خۇمارى>> مۇ تەدرىجى بېسىلىدىكەن .شۇڭا زىيادە بالىنىڭ تاتلىق نەرسىگە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى چەكلەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن بالىنىڭ بەدىنى نورمالدىن سېمىزلىككە قاراپ ماڭغاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېققەت قىلىش لازىم.

 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كىچىك بالىلارنىڭ چىش پاستىسىنى چوقۇم مۇۋاپىق تاللاش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا، كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىسە بولامدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .