چاشنى ئالدىراپ چۈشۈرگەندە بوۋاقنىڭ باش تېرىسىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپلا ق

      چاشنى ئالدىراپ چۈشۈرگەندە بوۋاقنىڭ باش تېرىسىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن يەنە تاشقى زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
 
 بوۋاقلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە، باش تېرىسىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .
 
 ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ بېشىدا بىر قەۋەت تۆرەلمە تېرىسى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ باش تېرىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
 
 ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بۇ بىر قەۋەت تۆرەلمە تېرىسى ئۆزلۈكىدىن ئاستا-ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارنىڭ چېچى بەك بالدۇر چۈشۈرۈۋېتىلسە، تۆرەلمە تېرىسى چۈشۈرۈلۈپ كېتىپ، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئاسانلا يۇقىدۇ– دە، باش قىچىشىش، باش تېرىسى ياللۇغىلىنىش ۋە باشقا تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
شۇڭا بوۋاقلارنىڭ چېچىنى بەك بۇرۇن چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرمۇشتىكى بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كىچىك بالىلارنىڭ بۇرنىنى قىسىپ دورا ئىچكۈزمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .