خالىدەئوبۇل– تاماقنى نېمانچە ئاستا يەيسەن، گەپ ئاڭلىمىساڭ ھېل

 

    خالىدە ئوبۇل

    – تاماقنى نېمانچە ئاستا يەيسەن، گەپ ئاڭلىمىساڭ ھېلى بىكار قۇلىقىڭنى يۇلىۋالىمەن...

    – خەتنى چىرايلىق يازساڭ بولمامدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدەك يازغان خېتىڭنىڭ سەتلىكىنى قارا...

    – ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئەزمەڭنى ئەزگىچە، تېزرەك بولمامسەن، تەپسە تەۋرىمەس بىر نېمە بولامدۇ نېمە بۇ...

    تام قوشنامنىڭ بالىسىنى زەردە بىلەن ئەدەپلىشى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ. ئاتىنىڭ سەككىز ياشلىق بالىغا تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا قوپال گەپ – سۆزلەر بىلەن تەنبىھ بېرىشى بەكمۇ ئىچىمنى سىقىپ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە بالىنىڭ ئانىسى بىلەنپاراڭلاشتىم:

    – ئېرىڭىزنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئوغلىڭىزغا تەنبىھ بەرگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئوغلىڭىز دەرستىنچۈشسىلا ئۆيگە يۈگۈرۈيدىغان ياۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان بالىغۇ، سىز گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟

    – ھەي، ئېرىمنىڭ مىجەزى شۇ، كىچىككىنە ئىشلار دىتىغا ياقمىسىلا بالىغا دوق قىلىدۇ. بالىغا ئۆچمىكىن دېسەم تېخى، نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ. لېكىن تەربىيە ئۇسۇلغا پەقەتدىققەت قىلمايدۇ. بالىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تولا ئۇرۇشۇپمۇ قالدۇق. خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ – يۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ۋارقىراپ – جارقىراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بالىنى ئاتىسىغا تاشلاپ سىرتلارغا چىقىشتىنمۇ قورقىمەن...

    بىر قىسىم ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللانماي، بالىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدىغانلىقىنى، پەرزەنت تەربىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئانىغا يۈكلەپ قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت بېلىقىز ئىمىنھاجى ئاتىلار قانداق قىلغاندا پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ؟ دېگەن سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

    ياخشى ئاتا بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، بالىلار ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر تەلىم ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا پەرزەنتىگە قاتتىق قوللۇق قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەرزەنتىنى يېقىن دوستى قاتارىدا كۆرۈپ، پەرزەنتى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بالىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى، ھەرگىزمۇ تەھدىت سېلىش، ئۇرۇپ – تىللاش، قورقۇتۇشتەك ناچار تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلارغا ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىش، بالىلارنى بەكمۇ چىڭتۇتۇۋەتمەي، بەكمۇ بوش قويۇۋەتمەي، مۇۋاپىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. ئاتىدىن قورقۇپ، ئاتىنىڭ چىراي ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمايدۇ.

    ئاتا بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئۆينىڭ يولباشلىغۇچىسى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپلىگەن ئاتىلار بالا تەربىيەلەشتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن بالا تەربىيەلەشكە، بالىغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئاتىلار يەنىلا پەرزەنت تەربىيەسىدە سەۋرچان بولماي، كىچىككىنە ئىشلارنىباھانە قىلىپ، ئۇرۇپ – تىللاش، تەنبىھ بېرىشتەك پاسسىپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئاتا مېھرى مۇقەددەستۇر. بىر قىسىم ئاتىلار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ مۇقەددەس بۇرچنى ئانىلارغىلا يۈكلەپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ تەسىرىدە بەزى ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيەلەش پەقەت ئانىنىڭمەجبۇرىيىتى، دەپ قارالغاچقا، كۆپ قىسىم ئانىلار خىزمەت بېسىمى، پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلىنىڭ ئېغىر – يېنىك يۈكلىرىنىڭ تەسىرىدە بېسىم ھېس قىلماقتا. شۇڭا، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلەر بالا تەربىيەسىنى ئايالىغىلا يۈكلەپ قويماسلىقى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى، بالا تەربىيەلەشتە سەۋرچان بولۇپ، بالىنىڭ ئەقىللىق، چېچەن، ساغلام، ئەدەپ – قائىدىلىك چوڭ بولۇشىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىنىڭ تىلىنى تېز چىقسۇن دېسىڭىز... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلۇق پىكرىنى قوبۇل قىلايلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .