ئامېرىكىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان چېغىمدا، ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ناھايىتى يۈرەكلىكئىكەنلىكىنى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا تەمتىرىمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىشلارنى سىستېمىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق قىيىن ئىشقا يولۇقسىمۇ چوڭلاردەك سالماق، ئېغىر– بېسىق بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم ھەم بۇنىڭ ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىنئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم

 

 

 ليۇ كەي

   ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىچىك ئاپام تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىنىڭ مائارىپىنى ‹‹ئوچۇق مائارىپ›› ھەتتا ‹‹مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئىدارە قىلىش›› دەپ قارىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگولۇق ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەنبالىلار يىقىلىپ چۈشسە ئاتا – ئانىلار دەرھال ئۇلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ‹‹يىغلىما›› دەپ بەزلەيدۇ؛ لېكىن ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئىچىدە كۆيىدۇ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندە يۆلىمەيدۇ، ئەكسىچە،ئۆزلۈكىدىن ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئامېرىكىلىق ئاتا– ئانىلار بالىلار قورقۇنچاق بولۇپ قالسا كەلگۈسىدە بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار بالىلىرىنىڭ يۈرەكلىك بولۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بالىلار تۇغۇلىشىدىنلا قورقۇنچاق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك، دەپ قارايدۇ.
 

   ئامېرىكىدىكى بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ ئۆزىيالغۇز ئۇخلايدۇ، ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارغا قۇچاقلاپ ئۇخلىشى ئۈچۈن قونچاقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدىكى كىچىك چىراغنى يېقىپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىلار ئىشەنچ بىلەن يالغۇز ئۇخلىيالايدۇ. بالىلىرى ئۆزى تاماق يېيەلەيدىغان بولغاندا ئۇلارغا پىچاق، ۋېلكا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، گەرچە ئۇلارتاماقلارنى چېچىپ شىرەنى قالايمىقان قىلىۋەتسىمۇ ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارغا ياردەملەشمەيدۇ. سىرتتىكى تەربىيەلەش، ئاساسلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋەساياھەتتۇر. ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا كىچىكىدىنلا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ، بالىلىرىنى ناتونۇش بالىلار بىلەن ئوينىتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بالىلىرىنى يۈرەكلىك قىلىدۇ. دالا سەيلىسىگە چىققاندا بالىلىرىنىڭ ‹‹ئاۋانگارت››لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يول باشلىغۇزىدۇ. خەتەرلىك يەرگە كېلىپ قالسا، ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈمقىلدۇرىدۇ، ئاندىن بالىلىرىغا خەتەردىن قۇتۇلۇش چارىسىنى تاپقۇزىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

   ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن، بالىلىرىدا ماھارەت يېتىلدۈرىدۇ، بۇ نۇقتىنى جۇڭگولۇق ئاتا – ئانىلار ئەسلا يادىغا كەلتۈرمەيدۇ. ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار ‹‹ماھارىتى يۇقىرى كىشىلەر يۈرەكلىك كېلىدۇ››، بالىلار كىچىكىدىنلا ياشاش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالسا چوڭ بولغاندا ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن قورقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ھەر خىل ياشاش ماھارەتلىرىنى، مەسىلەن: تاماق ئېتىش، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، شوپۇرلۇق قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئامېرىكىلىقبالىلار بەش – ئالتە ياشقا كىرگەندىلا ‹‹دالا لاگېرى›› غا قاتنىشىپ، دالىدا بىر ھەپتە يالغۇز ياشىيالايدۇ؛ يەتتە – سەككىز ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىنىڭ ‹‹رېمونتچىسى›› ۋە ‹‹ئاشپىزى›› بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق بالىلار ئالتە يېشىدىلا تاماق ئېتەلەيدۇھەم دوستلىرىنى ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن دوستلىرىغا تاماق ئېتىپ يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگودا بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

   بالىلارنى يۈرەكلىك چوڭ قىلىش ئۇلارنى كىچىكىدىنلا ‹‹تەلۋىلىك بىلەن ئىشقىلىدىغان››، ‹‹جاھاننى بېشىغا كىيىدىغان›› قىلىپ تەربىيەلەش بولماستىن، بەلكى ئۇلاردىكى قورقۇنچاقلىقنى تۈگىتىپ، ھاياتلىق تەپەككۈرىنى كېڭەيتىشتۇر. شۇڭا ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا دائىم قانۇن تەربىيەسى ۋە ئۆزىنىقوغداش تەربىيەسى بېرىدۇ.

ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلار جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، بالىلار جەمئىيەتتە بىر قىسىم زوراۋانلىق ۋە بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئالدامچىلىقلارنىمۇ ئانچە – مۇنچە چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىچىكىدىنلا‹‹دادىل ئېلىشىش›› جەريانىدا ئۆزىنى قانداق قوغداشنى ئۆگىنىدۇ. بۇنداق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق ئاتا – ئانىلارغا ئۆرنەك بولالايدۇ.

تاڭنۇر ئابدۇرۇپ تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .