ئاۋسترالىيە تەتقىقات مۇدىرىيىتى تاماملىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ سائەت ئاپتاپسىندۇرۇش بالىلارنىڭ كۆزىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن، بۇنداق قىلىنسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن

     سىنگاپوردىكى ئالتە ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ %30 ىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ئىكەن، ئەمما بۇ نىسبەت ئاۋسترالىيىدە 1.3% ئىكەن. ئىككى دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما سىرتتىكى ھەرىكەت ۋاقتىدا زور پەرق بار ئىكەن.


بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل يىئىن موگىننىڭ كۆرسىتىشىچە: سىنگاپوردىكى بالىلارنىڭ كۈندە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىرىم سائەتلا ئىكەن، ئەمما ئاۋسترالىيىدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك سىرتتا ئويناش ۋاقتى ئىككى سائەت ئىكەن، بۇ بەلگىلىك مىقداردىكى سىرتتا ھەرىكەت قىلىش يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك دورا ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ كىيىم–كېچىكى ۋە سۈيدۈك لاتىىسىنى سوپۇن پاراشوكىدا يۇيۇشقا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .