ئاۋسترالىيەدە تاماملانغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە، بالىلارنى ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ سائەت ئاپتاپسىندۇرۇش ۋە سىرتتا ئوينىتىش بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن

سىنگاپوردىكى ئالتە ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ %30ىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ئىكەن. ئەمما بۇ نىسبەت ئاۋسترالىيەدە %1.3 ئىكەن. ئىككى دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە يان تېلېفون ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما سىرتتىكى ھەرىكەت ۋاقتىدا زور پەرق بار ئىكەن.

بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پىروفېسسورنىڭ كۆرسىتىشىچە: سىنگاپوردىكى بالىلارنىڭ كۈندە سىرتتا يۈرۈش ۋە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم سائەتلا ئىكەن. ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك سىرتتا ئويناش ۋە ئاپتاپتا يۈرۈش ۋاقتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋاقلار سوسكا ئېمىپ قېقىلىپ كەتسە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .