1 بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باققان ياخشى ، چۈنكىئانا سۈتىدە ئوزۇقل

   1. بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باققان ياخشى ، چۈنكى ئانا سۈتىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ، بوۋاقنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   2. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمايدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈتىگە ئازراق يۇمشاق بولكا سېلىۋېتىش ۋە مېۋە شىرنىسىنى كۆپرەك ئىچۈرۈش ، ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش بىلەن بىللە ، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ۋىتامىن تولۇقلىغىلىبولىدۇ.

   3. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تاماق تاللىمايدىغان قىلىپ يېتىشتۇرۈش ، كۈندە ئىككىقېتىم چوڭ  تەرەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

   4. بالىنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى تىزگىنلەش ، ئىسسىقلىق تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . بالىنى كۆكتات ۋە مېۋە يېيىشكە ئادەتلەندۈرۈش ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچۈرمەسلىك كېرەك.

   5. ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولغان ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمايدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈتىگە كۈندە ئازراق شېكەر سېلىۋېتىش ، كۈندە بىر تالدىن ئىككى تالغىچە بانان يېگۈزۈش ۋە كۈندە ئەتىگەندە ھەسەل سۈيى ئىچۈرۈش كېرەك.

   6. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە بالىغا ئازراق شوۋىگۈرۈچ ياكى يېشىل ماش سۈيى ئىچۈرۈش كېرەك.  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دۈمچەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمىشقا ئاستا بولىدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .