نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار بوۋاقلىرىنى ساغلام تەربىيەلەش ئۈچۈن ، ئۇلارغا كالتىسىي ۋە ۋىتامىن D نى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلدۇرۇۋاتىدۇ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا

 

ئەگەر بوۋاقلارغا كالتىسىي زىيادە كۆپ تولۇقلانسا ، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇپلا قالماشتىن ، يەنە ئۇلاردا قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ، بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بالىلارغا كالتىسىي تولۇقلاش مۇۋاپىق نىسبەتتە بولۇشى ، زىيادە كۆپ تولۇقلانماسلىقى كېرەككەن .

   كالتىسىينىڭ زىيادە كۆپ تولۇقلىنىشى سەۋەبىدىن بەزى بالىلاردا ‹‹ چىرايى سەتلىشىپ كېتىش كېسەللىكى ›› ، ھاڭۋاقتى بولۇپ قېلىش ،پاناق بولۇپ قېلىش ، ئۈستۈنكى كالپۇكى توم بولۇش ، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا قارايدىغان بولۇپ قېلىش ، ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقى كېڭىيىپ كېتىشتەك نورمالسىز ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ھەتتا ئورۇقلاپ كېتىش ، زېھنى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ .

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئالتە ئايلىق بولمىغان بوۋاقلار ھەر كۈنى 300 مىللىگىرام كالتىسىيغا ، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلار ھەر كۈنى 400 مىللىيگىرام كالتىسىيغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . بۇ نورمال بوۋاقنىڭ ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان كالتىسىي مىقدارىنى تامامەن قامدىيالايدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى بەشنى قىلماسلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .