1 ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ بالىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، تا

1. ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ بالىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارغا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ. بولۇپمۇ تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار ئۇزۇن مەزگىل بالا تېنىگە قوبۇل قىلىنسا، باشقا ئەزالارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر، بالىڭىزنى ساغلام چوڭ بولسۇن دېسىڭىز ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ. 


2. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلدۇرماڭ بالىلارنىڭ ئۇستىخىنى ئۈزلۈكسىز ئۆسىدىغان بولغاچقا، نىسبەتەن يۇمشاق بولىدۇ. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرسە ئۇستىخىنىنىڭ نورمال، تۈز ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يېنىك جىسمانىي ئەمگەك قىلدۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلدۇرماسلىق كېرەك. 


3. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەڭ بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق كېلىدۇ. گەرچە تاتلىق يېمەكلىكلەر يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئەكس تەسىرى بار. چۈنكى، تاتلىق يېمەكلىكلەر كالتسىي تەركىبى نىسبەتەن ئاز بولغان كىسلاتالىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنىڭ بەدىنى نورمال ھالەتتە ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئەگەر تاتلىق يېمەكلىكنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، بەدەن كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەر تەرىپىدىن نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.

ئادەم بەدىنى كىسلاتالىق مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقتىن، ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان كالتسىينى سەرپ قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ. نەتىجىدە كالتسىي خوراپ، سۆڭەك ئۆسۈشى ئاستىلاش، پاكار بولۇپ قېلىش قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەدەندە ئېشىپ قالغان قەنتلەر ياغقا ئايلىنىپ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


4. ھاراق ئىچمەڭ ھاراق كۆپ ئىچىلسە، ئادەمنىڭ تورمۇزىنى بوزىۋېتىدۇ. تورمۇز بۇزۇلسا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. 


5. تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ئادەتتە نۇرغۇن كېسەللەر تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ يېمەكلىكى، شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھۇجرىسىنىڭمۇ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 


6. بالىڭىزغا قالايمىقان دورا يېگۈزمەڭ بەزى ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام، بويىنىڭ ئېگىز بولۇشى ئۈچۈن ھەر خىل قۇۋۋەت دورىلىرى ۋە بوي ئۆستۈرۈش دورىلىرىنى يېگۈزىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ھورموننىڭ قالايمىقانلىشىشى ھەم بىر قىسىم ئەزالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، كالتسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ بەرسە، قان بېسىم تۆۋەنلەپ كېتىشنى، ياش قۇرامىغا يەتكەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

ئەگەر قان بېسىم ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن بولسا، زېھنىنى يىغالماسلىق، تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئەقلىي ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئۆگىنىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە ئارتۇق مىقداردىكى كالتسىي بۆرەككە تىنىۋېلىپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


7. «ئەخلەت يېمەكلىك» لەرنى بەرمەڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، خىمىيىلىك تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بالىغا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇسى كەم بالىلارنىڭ تىلى ياخشى چىقمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋاقلارغا كالتىسىينى كۆپ تولۇقلاش زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .