ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بالىلىرىغا ھەر خىل ۋىتامىن، كالتسىي ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ

بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئاتا- ئانىلارغا <<بالىلارغا ھەر خىل ۋىتامىن، كالتىسىي ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى بىرىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك>>لىكىنى ئاگاھلاندۇردى. 


  بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشتا نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بالىلارغا كالتسىيىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇقلاش كېرەك ئىكەن. ئەگەر تولۇقلانغان كالتسىي نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە زىيانلىق بولۇپ، بالىلاردا ئىشىشىپ قېلىش، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قەۋزىيەت ۋە ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئېغىر بولغاندا، سۈيدۈكتە ئاقسىل مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 


  ئەگەر قاندا كالتسىي مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، قان تەركىبىدىكى كالتىسىي كۆز خالتىسىغا يىغىلىۋېلىپ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يۈرەك كىلاپانى ئەتراپىغا چۆكىۋالسا يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. قان تومۇرلارغا چۆكىۋالسا، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا كالتىسىي تولۇقلاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ: 


  ئەگەر بالىلاردا كالتسىي كەملىكى بەك كۆرىنەرلىك بولمىسا، پۇرچاقتىن ياكى سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، بېلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاش كېرەك. بالىلارغا نىسبەتەن ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ ياخشى تەبئىي كالتسىي تولۇقلاش ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ. سۈتنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ئىنتايىن مول. سۈت ئىچمەيدىغان بالىلارغا قېتىق ئىچكۈزسىمۇ بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋاقنىڭ ئانا سۈتىگە تويغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشتىكى 4خىل ئۆلچەم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇسى كەم بالىلارنىڭ تىلى ياخشى چىقمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .