بەزىبىر يېڭى ئانا بولغان خانىم-قىزلار دائىم بوۋىقى توساتتىن يىغلىسا ياكى ئۇخلىمىسىلا ئۆزىنى ئېمىتىدۇ، بوۋاقنىڭ قورسىقى تويدىمۇ-يوق بۇنى بىلىشتە يېڭى ئانىلارنىڭ تەجىرىبىسى ناھايىتى ئاز

 

 تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل سىزگە ياردەم بېرىدۇ:

1-بوۋاقنىڭ يۇتىش ئاۋازىدىن ھۆكۈم قىلىش، بوۋاق تەخمىنەن2دىن ئۈچقېتىمغىچە شوراپ بىر قېتىم يۇتىشى ئون بەش مىنۇتلار داۋاملاشسا بوۋاقنىڭ تويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

2-بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن تويۇنغان تۇيغۇ بولىدۇ، مەسلەن تويغاندىن كېيىن سىزگە قاراپ كۈلىدۇ ياكى يىغلىمايدۇ، ياكى دەرھال ئۇخلاشقا كىرىشىدۇ، بۇمۇ بوۋاقنىڭ تويغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.

3-چوڭ-كىچىك تەرىتىنىڭ قېتىم سانىغا دىققەت قىلىڭ.ئانا سۈتى ئەمگەن بۇۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى كۈندە        تۆتتىن بەش قېتىمغىچە ھەم ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولىدۇ. سۈت پاراشوكى ئەمگەن بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تەرىتى ئۈچتىن تۆت قېتىمغىچە ھەم سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېمىش مىقتارىنى بىلدۈرىدۇ.  

4-بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىش-كېمىيىشىگە قاراش، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىش-كېمىيىشى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئىپادىلەرنىڭ بىرى، ئېيىغا توشقان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە بىرىنچى ئېيىدا 720گىخرامدىن750  گىرامغىچە ئاشىدۇ، ئىككىنچى ئېيىدا 600گىرام ئەتىراپىدا ئاشىدۇ، ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كېمىيىپ ماڭسا  بۇ  بوۋاقنىڭ ئېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى ئېمىتىشنىڭ نورمالسىز بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سۈت پاراشوكىنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشى ياكى سۇيۇق بولۇپ قېلىشى بوۋاق بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كېمىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن D كەملىكتىن بولغان راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .