تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولسىمۇ، بالىلاردا كېسەل كۆپىيىپ قالدى شۋېتسىيە بالىلار كېسىلى مۇتەخەسسىسى بىلكىستىن: بالىلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش مۇھىتى ناھايتى پاكىز بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئوڭاي رېئاكسىيە بېرىش ،

تېنى ئاجىزلاش– پەيدىنپەي پەيدىنپەي باياشاتلىق كېسىلىگە ئايلانماقتا، دېدى.

بەك پاكىزلىق بالىلارنى ئوڭاي كېسەل قىلىدۇ

1. تەبئىي تۇغۇلغان بالىنىڭ تەن ساپاسى ئانىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇلغان بالىدىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى تەبئىي تۇغۇلغان بالا تۇغۇش يولىدىكى باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىت ئۇلاردا ئاشقازان يولى باكتېرىيە توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق.

2. كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئۆيدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تېنى ئاجىز كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈستەلنى پاكىز سۇدا سۈرتىۋەتسىلا كۇپايە، ئېمىزگە يەرگە چۈشۈپ كەتكەندە، تۇربا سۈيىدە چايقىۋەتسەكلا ياكى چوڭلار ئاغزىغا سېلىپ بىر قېتىم شوراپ قويسىلا بولىدۇ.

3. ئەگەر سىزدە سىل كېسىلى دېگەندەك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسىلا، بالىڭىزنى سۆيگىڭىز كەلسە سۆيۈۋېرىڭ.

4. بىرەر نەرسە يېگەندە زىيادە ئېھتىيات قىلىپ كەتمەڭ. بالىڭىز بىرەر نەرسە يەپ زىيان قىلىپ ، ئاددىي رېئاكسىيە قىلسىلا، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى بالىڭىزغا يېيىشنى چەكلىمەڭ. چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنىڭ زىيان قىلىشى كۆپىنچە ھاللاردا بىر قېتىملا بولىدۇ، بالىڭىز ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن يەنە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدىمۇ زىيان قىلسا، يەنە قايتىدىن سىناپ بېقىڭ.

بىلكىستىن مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى باكتېرىيە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكىسچە ئاتا – ئانا بالىلىرىنى زىيادە ئاسراپ بېقىشى دەل ئەكىسچە نەتىجە بېرىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پەرزەنتىڭىزنىڭ كىتاب – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشىنى قوللاڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى ھورمۇندىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .