ئۇرۇقدان ئەرلىك جىنسىي بەز بولۇپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىش پائالىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇرۇق خالتىسى ئىچىگە جايلاشقان، شەكلى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئوڭ-سولدا بىردىن بولىدۇ

ئۇرۇقداننىڭ سىرتىنى ئۈچ قەۋەت پەردە ئوراپ تۇرىدۇ، بۇلار ئەڭ سىرتقى قەۋەت خاس غىلاپ پەردىسى،  ئاق پەردە ۋە قان تومۇرلۇق پەردىدىن ئىبارەت.

ئەرلەر كۆپىيىش ئەزاسى ، زەكەر ، تاشاق ، ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى ، دوۋساق ، تاشاق ، سۈيدۈك نەيچىسى

خاس غىلاپ پەردە ئەزا قەۋەت ۋە تام قەۋەتتىن ئىبارەت ئىككى قەۋەتكە بۆلىنىدۇ. ئەزا قەۋىتى ئۇرۇق بېزىنىڭ ئۈستىگە مەھكەم يېپىشىپ تۇرىدۇ. تام قەۋىتى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئىچكى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئىككى قەۋەت ئۆزئارا ئۇچرىشىپ يېپىق ھالەتتىكى خالتا بوشلۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ، بوشلۇق ئىچىدە ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق بولۇپ، سىرلىقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.

ئۇرۇقدان ئاق پەردىسى بولسا، غىلاپ پەردىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى مۇستەھكەم بىر قەۋەت ئاق رەڭلىك زىچ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن ئىبارەت. ئاق پەردىنىڭ ئۇرۇقدان ئارقا گىرۋىكىدە قېلىنلاشقان قىسمى ئۇرۇقدان تىك پاسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.  

ئۇرۇقدان تىك پاسىلىنىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرى ئۇرۇقدان تىك ئويۇل ماددىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇرۇقداننى 100-200 دىن ئارتۇق ئۇرۇقدان كىچىك ياپراقچىلىرىگە بۆلۈۋاتىدۇ.

ھەر كىچىك ياپراقچە ئىچىدە 4-1 تال ئەگرى ئىنچىكە نەيچىلەر بولىدۇ. بۇ نەيچىلەر تەدرىجىي يىغىلىپ ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، 20-30 تال تۈز ئىنچىكە ئۇرۇق نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ نەيچىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئۇرۇقدان تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇرۇقدان تورىدىن 15-8 تال ئۇرۇق چىقارغۇچى نەيچىلەر چىقىپ، قوشۇمچە ئۇرۇقداننىڭ باش قىسمىغا كىرىدۇ.

ئەگرى ئىنچىكە ئۇرۇق نەيچىسى ئۇرۇق پەيدا بولۇش مەنبەسى بولۇپ،، نەيچە دىۋارى بىر خىل ئالاھىدە كۆپ قەۋەتلىك ئېپىتېلىيە توقۇلمىسىدىن تۈزىلىدۇ. ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ئۇرۇق ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە، يەنە بىرى تايانچى ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇرۇق خالتا بېزى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .