ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى بولۇپ، ئىچىدىن سۈيدۈك يولى ئۆتىدۇ ئۇ دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئالدى ئاستى تەرىپىگە ئېسىلىپ تۇرىدۇ  

زەكەر-زەكەر يىلتىزى، زەكەر تېنى ۋە زەكەر بېشى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئالدىنقى ئۇچىدا زەكەر بېشىنى ئوراپ تۇرغان قوش قەۋەتلىك تېرە پۈرمىسى بولۇپ، بۇ سۈننەتلىك دېيىلىدۇ. بالا 6-7 ياش ئەتراپىدا بۇ سۈننەتنىڭ كېسىپ ئېلىۋېتىلسە، سۈيدۈك يولىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانماسلىقى ئۈچۈن پايدىلىق. 

زەكەرنىڭ ئىچكى قىسمى ئىككى دانە بۇلۇتسىمان تەنچە ۋە بىر دانە سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەنچىسىدىن تۈزۈلگەن. زەكەر جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق بوش تۇرىدۇ. جىنسىي ھېسسىيات قوزغالغاندا زەكەرنىڭ بۇلۇتسىمان تەنچە كاۋاكلىرىغا قان تولۇپ، زەكەر بىر ھەسسە يوغىناپ قاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تىكلىنىش دېيىلىدۇ. 

ئەرلەر كۆپىيىش ئەزاسى ، زەكەر ، تاشاق ، ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى ، دوۋساق ، تاشاق ، سۈيدۈك نەيچىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر كۆپىيىش ئەزاسى تۈزۈلۈشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سۈيدۈك يولى شارچە بېزى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .