قۇلاقنىڭ تۈزۈلۈشىنى رەسىملىك چۈشىنىۋېلىڭ





قۇلىقىڭىزنىڭ تۈزۈلۈشىنى رەسىملىك چۈشۈنىۋېلىڭ . سىرتقى قۇلاقتىن ئاۋاز كىرىپ قۇلاق ناغرا پەردىسىنى تىترىتىدۇ ، بۇ يەردىن قۇلاق ناغرىخانىسىغا كىرىپ بەدەندىكى ئەڭ كىچىك بولغان قۇلاق سۆڭىكىنى تىترىتىپ ئاۋازنى قۇلاق قۇلۇلە تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ بارىدۇ ، ھەم ئۇ يەردىن نېرۋا سېستىمىسىغا يۆتكىلىپ ، ئاخىرىدا مېڭىڭىزغا يىتىپ بارىدۇ . 

ئادەتتە قۇلاقنىڭ كىرلىرى سىرتقى قۇلاقتا بولىدۇ . بۇ يەردە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىپ ، سىرتتىن كىرگەن ھاۋادىكى مەينەت زەررىچىلەرنى توپلىۋېلىپ ، قۇلاق كىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . قۇلاقنى دائىم كولايدىغانلار قۇلاق پەردىسىگە تەككۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا قۇلاق پەردىسى زەخىملەنىش ئىھتىمالى يۈز بېرىدۇ . شۇڭا قۇلاق كولاشقا ئامراقلار ھەم تىڭشىغۇچ بىلەن تولا ناخشا ئاڭلايدىغانلار دېققەت قىلىش لازىم . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلىك جىنسىي ئەزا رەسىمى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆت ، جىگەر ، ئۆت يولى ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئورنى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .