تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ تېز قېرىشىنىڭ سەۋەبى ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كوللاگېن ئاقسېلىغا تېخىمۇ كۆپ مۇھتاج بولىدىكەن

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن بالىياتقۇسىنىڭ ئىچكى پەردىسى چۈشۈپ كېتىدىكەن. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى كوللاگېن تالالىرىدىن تۈزۈلگەچكە، ئاياللار بۇ چاغدا كۆپ مىقداردا كوللاگېن ئاقسېلىغا مۇھتاج بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە ئالغاندىمۇ بالىياتقۇ ئىچكى قىسمى زەخمىلىنىدىكەن.

ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا بالدۇر قېرىشىنىڭ سەۋەبى

 گۆش تەركىبىدە كوللاگېن ئاقسىلى بولسىمۇ، بۇنى بەدەن بىۋاسىتە قوبۇل قىلالمايدىكەن. گۆش تەركىبىدە ياغ ماددىسى يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا سەمىرىپ كېتىدىكەن ھەم قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا گۆشنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق كوللاگېن ئاقسىلى تولۇقلاش ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ئىكەن. ئاياللار ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلەتسە قېرىشنى كېچىكتۈرەلەيدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جورىسىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ئىپادىسى مۇنداق بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .