ھەربىر ئانا پەقەت ئانىلار بايرىمى كۈنىلا ئەمەس، ھەر كۈن ئۆزى ياشاۋاتقان ساراينىڭ بىر سۇلتانىدۇر بۇ سۆزىمىزگە ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتامسىز نېمە؟ بولىدۇ، ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى!

ئۇنداقتا، بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ بېقىڭ! ئائىلىڭىزنىڭ سۇلتانى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىدىڭىز؟ سىز بىر لاياقەتلىك ئەۋلادمۇسىز؟

ئانىلار ھەر كۈنى ئۆز ئۆيىنىڭ سۇلتانى بولسۇن

1. قانداق ئۆيدە تۇرۇشنى ئانا قارار قىلىدۇ.

ئۆي سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتىكى ئىشلار يادىڭىزدىمۇ؟ بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئاخىرقى قارارنى ئانا چىقىرىدۇ.

2. ئانىلار نىسبەتەن ئۆي دېمەك ئاشخانا دېمەكتۇر.

مېھمانخانا ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە كىم ھەممىدىن بەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئەلۋەتتە سىز. ئەمما ئاشخانا ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەزەلدىن ئېتىبار بەرمەيسىز، چۈنكى ئۇ يەر مەڭگۈ سىزنىڭ سارىيىڭىز بولالمايدۇ، ئەمما ئانا ئۈچۈن ئەكسىچە.

3. ئانىلار خىيال سۈرىدۇ، ئاتىلار ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئانىلار ھەر دائىم ئۆيۈم ئۇنداق بولسا، بۇنداق بولسا، ئۆينى ئۇنداق ئوڭشىسام، بۇنداق ئوڭشىۋالسام دەپلا يۈرىدۇ، ئەمما بۇنداق دېگەنلىك بىلەن ھېچ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئادەم يەنىلا دادا. يەنى سۇلتان بىر دېسە ئىككى دېيىلمەس.

4. ئانىلارنىڭ ئىشكاپ «رىشتى»

ئائىلە زىننەتلىگەندە، بەلكىم ئىشكاپنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىزغۇ دەيمەن، ئەمما ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئانىلار ئىشكاپنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بەلكىم ئىشكاپقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولغانلىقتىن بولسا كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، ئانىلارنىڭ ئىشكاپ «رىشتى» غا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

5. ئانىلارغا نىسبەتەن كىچىك ئۆي يوق.

ئەگەر سىزنى ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق، 80 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىدۇ دەيلى، بەلكىم بۇنى ئازادە ھېسابلىماسلىقىڭىز، ئۆيىڭىزنىڭ كىچىكلىكىدىن ھەر ۋاقىت زارلىنىپ يۈرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئاپىڭىز بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تازىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىدۇ. دېرىزە سۈرتۈش ئۈچۈن دېرىزە ئالدىغا قانچە قېتىم بېرىپ، دېرىزىگە قانچە قېتىم يامىشىدۇ، گىلەم سۈپۈرۈش، پول سۈرتۈش، توپا-چاڭلارنى تازىلاش..... دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈنچۇ؟ شۇڭا ئانا ئۈچۈن كىچىك ئۆي يوق.

6. ئانىلار ئۆي تاللىغاندا، قوشنىلارغا بەك دىققەت قىلىدۇ.

سىز ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەتراپتىدىكى قوشنىلارغا دىققەت قىلىپ، تاماق ئەتكەندە چىقىدىغان ھەرخىل پۇراقلارنى ئانالىز قىلىپ، قوشنىلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان دادىنى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرمىدىڭىز، چۈنكى بۇ خىل «سەزگۈر» لۈك پەقەت ئانىلارغىلا خاس.

7. ئانىلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تازىلاش ئاسان بولغان ئۆي تاللاڭ.

ئانىلار بەختنىڭ مەنبەسى، بىر ئائىلىدە ئانا بەختلىك بولسا، بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يۈزىدىن كۈلكە پارلايدۇ، ئۇلارنى پەرىشان قىلىپ قويماڭ. سىرلاپمۇ پارقىراتقىلى بولمايدىغان ئىشكاپلارنى ئۇلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، شۇنداقلا ئۇنداق ئىشكاپلارنى سېتىۋىلىش تەكلىپىنىمۇ بەرمەڭ.

8. ئۆينىڭ ئەتراپىدا نېمىلار بارلىقىغا دىققەت قىلىڭ.

ئۆينىڭ ئەتراپىدا، تورخانا، كۇلۇب قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىدىن خوش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇ پەقەت سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز. ئانىنىڭ ئويلايدىغىنى بولسا، كۆكتات دۇكىنى، ئۇن-ماي سېتىۋىلىش قولايلىقمۇ؟ مەكتەپ، دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك دېگەندەكلەر.

9. يورۇق چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ ئۆيلەر ئانىلارنى بىزار قىلىدۇ

ھەرقانچە تازىلىسىمۇ، پاكىز كۆرۈنمەيدىغان، يورۇق چۈشمەيدىغان، قاراڭغۇ، نەم ئۆيلەر ئانىلارنى بەكلا بىزار قىلىدۇ، شۇڭا ئائىلىنىڭ سۇلتانىنى كىچىك ياكى ئاددىي بولىشىدىن قەتئىينەزەر، يورۇق، كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيلەردە تۇرغۇزۇڭ.

10. ئاخىرقى سۆزىمىز، ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

سۆزىمىز تامام، نېمە ئۈچۈن ئانىلار ئۆيىمىزنىڭ سۇلتانى ئىكەنلىكىنى بىلگەنسىلەر، ئانىنىڭ ئېھتىياجىدىن، ئانىنىڭ خوشاللىقىدىن ئۇنىڭ بارلىقىنى ئائىلىسىگە ئاتىغان، بارلىق خوشاللىقى ۋە خاپىلىقى ئائىلىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانسىلەر. ئەگەر بىر لاياقەتلىك ئەۋلاد بولماقچى بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئائىلىدىن سۇ ئىچكۈزۈڭ، ئۆيىڭىزنىڭ سۇلتانىنىڭ كۆزلىرى بەختتىن نۇرلىنىپ كەتسۇن!

مەنبە: تۈركىيە خەۋەرلەر تورى خەۋىرى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۇھەببەتلەشكەندە كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى توي قىلىپ بولغان راك كېسىلى ئاغرىقلىرى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .