مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ مۇھەببەت ئىككى قەلبنىڭ بىرلىشىشى لېكىن كىشىلەر ئىككى قەلبنىڭ يېتەرلىك كەڭ-كۇشادىلىككە ئېرىشكەندىلا بىر-بىرىنى سىغدۇرۇپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، بىر-بىرىنى ماس كېلىشىدىغانلىقىنى دائىم ئەسلىرىدىن چىقىرىپ قويىدۇ ياكى بۇنىڭغا سەل قارايدۇ

جەلبكارلىق، يېقىملىق ۋە كۆيۈنۈش-مۇھەببەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئەقەللى ئۈچ ئامىل بولۇپ، بىرى كەم بولغان تەقدىردىمۇ، مۇھەببەتنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جەلبكارلىق كەم بولسا، «كۈن ئۆتكۈزۈش» كە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ يېقىملىق بولمىسا «ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ چوقۇنۇش»قا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ كۆيۈنۈش سەل-پەل كەم بولغان تەقدىردىمۇ «ئىشقىۋازلىق» قا ئوخشاپ قالىدۇ.

مۇھەببەتلەشكەندە كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ

ئادەم قەلبىنىڭمۇ كەڭ بولۇش، چىداملىق، غەيرەتلىك بولۇش ۋە سېزىمچان بولۇش 3 چوڭ ئامىلى بولىدۇ. بىرى كەم بولسا كەڭ-كۇشادە بولماي، مۇھەببىتى سۇس بولۇپ، باشقا بىر قەلبىنى سىغدۇرالمايدۇ.

شۇڭا، ئاۋۋال مۇھەببەتنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمەي، پۇرسەتنى بەك سىرلىق نەرسە دەپ ئۇھ تارتىپمۇ يۈرمەي، يەنىلا قانداق قىلىپ قەلبنى كەڭ- كۇشادە تۇتۇپ، قەلبنىڭ ئۈچ ئامىلى بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۇش كېرەك.

قەلبنى كەڭ تۇتۇش- مۇھەببەتتىن كۈتىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۈمىد بىلەن ئەڭ تۆۋەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك بولۇپ، قانچە چوڭ بولغانسېرى بىراۋنىڭ جەلبكارلىقىنى شۇنچە ھېس قىلغىلى، بىراۋنىمۇ شۇنچە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارنىڭ تەلپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئانىلار ھەر كۈنى ئۆز ئۆيىنىڭ سۇلتانى بولسۇن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .