گەپ قىلىشمۇ بىر سەنئەت

  مېھرىگۈل تۇردى
 

گەپ قىلىشمۇ بىر سەنئەت

    يېقىندا كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغان بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىم بولغاچقا، قىزغىن كۆرۈشۈپ:

    ــ يېقىندىن بۇيان قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟ - دېدىم.

    ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

    ــ يامان ئەمەس، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن نەچچىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇم، سەنمۇ كەلگىن،- دېدى.

    مەن ئەتىسى دېگەن قەرەلىدە دوستۇمنىڭكىگە باردىم. دوستۇمنىڭ دېگىنىدەك، ئۆيگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىكەن، ھەممىمىز ئېچىلىپ – يېيىلىپ خۇشال – خۇرام ئولتۇردۇق. ئارىدا بىر دوستىمىز تۇيۇقسىزلا:

    ــ ئاداش، ئاڭلىسام ئاجرىشىپ كېتىپسەن، تېخى بالاڭغىمۇ ئىگە بولالماپسەن، - دېدى، ئۆي ئىگىسىگە ئۇدۇللا. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن‹‹ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغان ››دەك ئارىنى جىمجىتلىق باستى. ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە دوستۇمغا قاراشتى. ئۇنىڭ ئاجراشقىنىنى ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى بولمىسا كېرەك، بىردىنلا تاتىرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى ‹‹ بۇلۇت ›› قاپلىدى.

    ــ بولدىلا، ئۇ ئىشنى سۆزلەپ يۈرگۈم يوق، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشەلمەي، ئاران دېگەندە يىغىلىپ خۇشال ئولتۇرغاندا ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېسىمگە سېلىپ نېمىمۇ قىلاتتىڭ؟، -دېدى ئۇ ھېلىقى دوستىمىزدىن رەنجىگەن ھالدا.

    قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپنى قىلىپ كەيپىياتنى بۇزغان ئۇ دوستىمىز ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئورنىغا تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ، رەنجىگەن ھالدا سورۇندىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى. شۇ پەيتتە مەن كەيپىياتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە:

    ــ دوستلار، بىز بۇ يەرگە دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئاز – تولا بولسىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق، بايىقى دوستىمىزنىڭ قىلغىنى توغرا بولمىدى، بەلكىم ئۇمۇ بۇ گەپنى غەرەزسىز قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بولدى، ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلىپ، كۆڭۈللۈك ئولتۇرايلى، - دېدىم. بۇنىڭ بىلەن كەيپىيات سەل ئوڭشىلىپ، سورۇن خۇشال ئاخىرلاشتى. لېكىن، بايىقى دوستىمىزنىڭ سۆزى مېنى ئويغا سالدى.

    كونىلاردا ‹‹ ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە ›› دەيدىغان گەپ بار. ئېغىزدىن چىققان گەپ خۇددى يادىن چىققان ئوققا ئوخشايدۇ. گەپنى ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىش – قىلالماسلىقىنى ئويلاشقان ئاساستا قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چۆكۈرۈش، كەمسىتىش، مەنسىتمەسلىك، يېغىرىنى تاتىلاش مەقسىتىدە قىلماسلىق كېرەك. جايىدا، لايىقىدا قىلىنغان سۆز دىلنى سۆيۈندۈرسە، ئورۇنسىز سۆز گەرچە راست بولسىمۇ دىلنى رەنجىتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، گەپنىڭ راست ياكى يالغان بولۇشى ئۇنىڭ قانداق تەسىر پەيدا قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى شۇنداق بىر نۆۋىتى كەلگەندە، ئانچە – مۇنچە يالغان گەپ قىستۇرۇپ باشقىلارنى خۇشال قىلغىلى، مىسكىن كۆڭۈلگە تەسەللى بەرگىلى ۋە ياكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بىز گەپ قىلىشتىكى مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئۆگىنىۋالايلى: ‹‹ گېپىم راست دەپ سۆزلەۋەرمەڭ، ئورۇنسىز گەپنى قىلمايلا قويۇڭ ››.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر-ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاجرىشىشتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارنىڭ تەلپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .