بىر پەلسەپەشۇناس دېگەن،ھەر قانچە ئىناق بولغان ئەر ئاياللارمۇ ئۆمرىدە ئاز دىگەندە يۈز قېتىم ئاجىرشىپ كىتىشنى ھەمدە قارشى تەرەپنى بوغۇپ قۇيۇشنى ئويلايدىغان چاغلىرى بار ئىكەن مۇھەببەت ناھايتى شېرىن،نىكاھ بولسا ئاۋارىچىلىق بىر ئىش،ئىككى ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئادەملەر بىللە ياشىغاندا،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ بەزىدە ھەتتا چىش پاستىسىنى سىقىشتەك كىچىك ئىشلارمۇ بىر مەيدان ئائىلە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرى مۇمكىن

ئەملىيەتتە، ئەر ئاياللارنىڭ ئۇرۇشىشى ئوخشىمايدىغان ھىسيات ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر،پەقەت ئۇرۇشنىڭ ماھيتىنى چۈشىنىشنىڭ قارشى تەرەپنىڭ غورورىغا تىگىشتىن ساقلانغاندىلا،ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق.

ئەر-ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئاجرىشىشتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق


ئۇنداقتا ئۇرۇشقاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

1.قارشى تەرەپنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش
ئاياللار ئەرلەرگە«ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىسەن،زادى قانچىلىك پۇل تېپىۋەتكەنسەن؟خۇتۇن بالاڭنىمۇ باقالمايدىغان نەرسەڭگە نىمىگە ۋارقىرايسەن؟»«قارا قوشنىمىزغا ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە داڭلىق ماركىلىق سومكىلارنى ئېلىپ سوۋغا قىلىدۇ،سەنچۇ؟توي قىلغاندىن بېرى ماڭا نىمە سوۋغا قىلىپ باڭتىڭ؟»دەيدۇ،ئەر ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنچىلىك قولى قىچىشىپ كىتىدۇ.

2.قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تىللاش
ئۇرۇشقاندا ئادەمنىڭ ئېغىزىغا ھەر خىل گەپلەر كىلىدۇ،بارلىق سەت گەپلەر،ھاقارەتلىك سۆزلەرئېغىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن،قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىدىكىللىرىنى چىشلەپ تارتماڭ،قارشى تەرەپنى تىللاۋىتىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىللىرىنىمۇ قۇشۇپ تىللايدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭ.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىللىرىنى قوغدايغان ئېڭى بولىدۇ،بۇنداق قالايمىقان گەپلەرنى ئاڭلىغاندا غەزەپلەنمەي تۇرغىلى بولامدۇ؟
3.كونا خاماننى سورۇش

بەزى ئەر-ئاياللار ئۇرۇشۇپ قالسا،كونا خماننى سورۇشقا ئامراق.قارشى تەرەپنىڭ خاتا قىلىپ قويغان ئىشى،خاتا دەپ قالغان گەپلىرى قاتارلىقلار بىلەن قارشى تەرەپىنى كېرەكسىز،نان قېپى قاتارىغا چىقىرۋىتىدۇ.

4.قول تىگىپ كىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۆزىڭىزنىڭ ھالال جۈپتىگە قول تەگكۈزۈشكە قانداقمۇ قولىڭىز بارىدۇ؟ھەرگىزمۇ بىر دەملىك ئاچچىقنى دەپ قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتمەڭ.

5.ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ كىرمەسلىك
ئۇرۇشۇپ قېلىشىغىلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ،قاۋاقخانىلاردا مەس بۇلۇپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ.بەزىلەر ھەتتا بىر كىچە ئۆيگە كىرمەيدۇ،قۇلاق تىنىچ بولسا دەپ ئويلايدۇ،لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە گۇمانخورلۇق ئۇرۇقىنى بېرىپ قۇيىدۇ.شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان ئائىلە ۋەيران بولىدۇ.

6.ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ

بەزى ئەر ئاياللار ئۇرشۇپ قالغان زامانلا ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىدۇ،كىمنىڭ خاتا كىمنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلغۇزىدۇ.لىكى بۇ ئىش بارغانسىرى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.يەنىلا ئىشىكنى ئىتىپ قۇيۇپ، ئۇرىشامسىلەر،تىللىشامسىلەر،كۈلىشەمسىلەر،يىغلىشامسىلەر،قانداق قىلساڭلار شۇنى قىلغىنىڭلار ياخشى.ئۇرۇش تۈگىگەندىن كىين سىلەر يەنىلا شۇ ئامراق بىر جۈپلەر.
 

 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گەپ قىلىشمۇ بىر سەنئەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .